ترجمة سورة الطارق

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation
ترجمة معاني سورة الطارق باللغة الأويغورية من كتاب Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation .

سۈرە تارىق


ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن

تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟

ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر

ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار

ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن

ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى

ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ

شەك - شۈبھىسىزكى، اﷲ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە قادىردۇر

سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)،

ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر

يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى،

يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى،

قۇرئان شەك - شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر،

ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر

ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە - مىكىر ئىشلىتىدۇ

مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە - مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن

(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)
Icon