ترجمة سورة الطارق

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الطارق باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

ئاسمان بىلەن، تارىق (يەنى كېچىدە ئاشكارا بولغۇچى يۇلتۇز) بىلەن قەسەم قىلىمەن[1].
تارىقنىڭ نېمىلىكىنى بىلەمسەن؟[2]
ئۇ يورۇق يۇلتۇزدۇر[3].
ھەر بىر ئادەم بىلەن (شۇ ئادەمنى) ساقلىغۇچى (پەرىشتە) بار[4].
ئىنسان نېمىدىن يارىتىلغانلىقىغا قارىسۇن[5].
ئۇ ئېتىلىپ چىققۇچى مەنىدىن يارىتىلدى[6].
ئۇ مەنى ئۇمۇرتقا بىلەن قوۋۇرغا سۆڭىكىنىڭ ئارىسىدىن چىقىدۇ[7].
شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە (يەنى تىرىلدۈرۈشكە) قادىردۇر[8].
سىرلار ئاشكارا قىلىنىدىغان كۈندە (يەنى قىيامەتتە)[9]،
ئۇنىڭدىن (يەنى ئىنساندىن) (ئازابنى دەپئى قىلىدىغان) ھېچ كۈچ ۋە ياردەمچى يوقتۇر[10].
يامغۇرلۇق بۇلۇت بىلەن قەسەمكى[11]،
يېرىلىپ (گىياھلارنى ئۈندۈرۈپ بېرىدىغان) زېمىن بىلەن قەسەمكى[12]،
قۇرئان شەك ـ شۈبھىسىز (ھەق بىلەن باتىلنى ئايرىغۇچى) سۆزدۇر[13]،
ئۇ چاقچاق ئەمەستۇر[14].
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) (قۇرئاننى يوققا چىقىرىش ئۈچۈن) ھەقىقەتەن ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىدۇ[15].
مەن ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرىگە تاقابىل تۇرىمەن[16].
(ئى مۇھەممەد!) كاپىرلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىرىمىغىن، ئۇلارغا ئازراق مۆھلەت بەرگىن (ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا قانداق قىلغانلىقىمنى كۆرىسەن)[17].
Icon