ترجمة سورة محمد

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة محمد باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋېتىدۇ[1].
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنىڭ، مۇھەممەدكە نازىل قىلىنغان قۇرئانغا ـ قۇرئان ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتتۇر – ئىمان ئېيتقانلارنىڭ گۇناھلىرىنى ئاللاھ ئۆچۈرۈپ تاشلايدۇ، ئۇلارنىڭ ھالىنى ياخشىلايدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئۇلار گۇناھ قىلمايدۇ)[2].
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، كاپىرلار باتىلغا (يەنى شەيتانغا) ئەگەشتى، مۆمىنلەر بولسا، پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن كەلگەن ھەقىقەتكە (يەنى قۇرئانغا) ئەگەشتى، ئاللاھ ئىنسانلارغا ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى شۇنداق بايان قىلىدۇ[3].
سىلەر كۇففارلارغا (جەڭ مەيدانىدا) ئۇچراشقان چېغىڭلاردا، ئۇلارنى ئۆلتۈرۈڭلار، سىلەر ئۇلارنى قىرىپ (مەغلۇپ قىلىپ، ئۇلاردا سىلەرگە قارشىلىق كۆرسىتىدىغان كۈچ قالمىغان چاغدا ئۇلارنى ئۆلتۈرۈشتىن توختاپ)، ئۇلارنى ئەسىر ئېلىڭلار، ئاندىن ئۇلارنى ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن قويۇپ بېرىڭلار ياكى فىدىيە ئېلىپ قويۇپ بېرىڭلار، تاكى ئۇرۇش ئۆزىنىڭ ئېغىر يۈكىنى تاشلىغانغا قەدەر (يەنى ئۇرۇش توختىغانغا قەدەر) ئىش مانا شۇنداقتۇر. ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئەلۋەتتە (سىلەرنى ئۇرۇشقا تەكلىپ قىلماستىنلا) ئۇلارنى جازالىغان بولاتتى، لېكىن ئاللاھ بەزىڭلارنى بەزىڭلار بىلەن سىناش ئۈچۈن (يەنى ئىمانىڭلارنى سىناش ئۈچۈن جىھادقا ئەمر قىلدى)، ئاللاھنىڭ يولىدا ئۆلتۈرۈلگەنلەرنىڭ (يەنى شېھىتلەرنىڭ) ئەمەللىرىنى ئاللاھ بىكار قىلىۋەتمەيدۇ[4].
ئاللاھ ئۇلارنى ھىدايەت قىلىدۇ ۋە ھالىنى ياخشىلايدۇ[5].
ئاللاھ ئۇلارنى جەننەتكە كىرگۈزىدۇ، ئاللاھ ئۇنى ئۇلارغا تونۇتتى (يەنى جەننەتكە كىرگەن ئادەم ئۆزىنىڭ ئۇ يەردىكى جايىنى ئىلگىرى كۆرگەندەكلا بىلىدۇ)[6].
ئى مۆمىنلەر! سىلەر ئاللاھقا (يەنى ئاللاھنىڭ دىنىغا) ياردەم بەرسەڭلار، ئاللاھ سىلەرگە (دۈشمىنىڭلارغا قارشى) ياردەم بېرىدۇ، قەدىمىڭلارنى (ئۇرۇش مەيدانلىرىدا) بەرقارار قىلىدۇ[7].
كاپىرلارنى ئاللاھ ھالاك قىلىدۇ، ئۇلارنىڭ (ياخشى) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ[8].
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) يامان كۆرۈش بىلەن، ئۆزلىرىنىڭ ئەمەللىرىنى بەربات قىلدى[9].
ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ ئىلگىرىكىلەرنىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆزەتمىدىمۇ؟ ئاللاھ ئۇلارنى ھالاك قىلدى. كاپىرلىرىمۇ شۇنداق ئاقىۋەتكە قالىدۇ[10].
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئاللاھ مۆمىنلەرنىڭ مەدەتكارىدۇر، كاپىرلارغا مەدەتكار يوقتۇر[11].
شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى ئاستىدىن ئۆستەڭلەر ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرگۈزىدۇ، كاپىرلار (ھاياتى دۇنيادا ئۇنىڭ لەززەتلىرىدىن) بەھرىمەن بولىدۇ ۋە چاھارپايلاردەك يەپ ـ ئىچىدۇ، (ئاخىرەتتە) ئۇلارنىڭ جايى دوزاخ بولىدۇ[12].
سېنى ھەيدەپ چىقارغان شەھەرنىڭ (يەنى مەككىنىڭ) ئاھالىسىدىن كۈچلۈك بولغان نۇرغۇن شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلارغا ھېچ قانداق ياردەم قىلغۇچى بولمىدى[13].
پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن بولغان روشەن دەلىللەرگە ئاساسلانغان ئادەم (يەنى مۆمىن) ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن ۋە نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەن ئادەمگە (يەنى كاپىرغا) ئوخشامدۇ؟[14].
تەقۋادارلارغا ۋەدە قىلىنغان جەننەتنىڭ سۈپىتى شۇكى، ئۇ يەردە رەڭگى ئۆزگەرمىگەن سۇدىن ئۆستەڭلار، تەمى ئۆزگەرمىگەن سۈتتىن ئۆستەڭلار، ئىچكۈچىلەرگە لەززەت بېغىشلايدىغان مەيدىن ئۆستەڭلار ۋە ساپ ھەسەلدىن ئۆستەڭلار بولىدۇ، ئۇلارغا جەننەتتە بەھرىمەن بولىدىغان تۈرلۈك مېۋىلەر بولىدۇ ۋە پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن مەغپىرەت بولىدۇ، (مۇنداق تەقۋادارلار) دوزاختا مەڭگۈ قالىدىغان، قايناقسۇ بىلەن سۇغىرىلىپ (قىزىقلىقىدىن) ئۈچەيلىرى پارە ـ پارە قىلىنىدىغانلار بىلەن ئوخشاشمۇ؟[15].
ئۇلاردىن (يەنى مۇناپىقلاردىن) بەزى كىشىلەر سېنىڭ سۆزۈڭگە قۇلاق سالىدۇ، ئۇلار سېنىڭ يېنىڭدىن چىققاندا، ئىلىم بېرىلگەن كىشىلەرگە (يەنى ساھابىلەرنىڭ ئۆلىمالىرىغا مەسخىرە قىلىش يۈزىسىدىن): «بايا ئۇ (يەنى مۇھەممەد) نېمە دېدى؟» دەيدۇ، ئەنە شۇلار ئاللاھ دىللىرىنى پېچەتلىۋەتكەنلەردۇر، نەپسى خاھىشلىرىغا ئەگەشكەنلەردۇر[16].
ھىدايەت تاپقانلارنى ئاللاھ تېخىمۇ ھىدايەت قىلىدۇ، ئۇلارغا تەقۋادارلىقنىڭ مۇكاپاتىنى بېرىدۇ[17].
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى) پەقەت قىيامەتنىڭ ئۇلارغا تۇيۇقسىز كېلىشىنىلا كۈتىدۇ، شۈبھىسىزكى، قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرى كەلدى، ئۇلارغا قىيامەت كەلگەندە ئۇلار قانداقمۇ ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدۇ (يەنى بۇ چاغدا ۋەز ـ نەسىھەت ئالغانلىقىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ)[18].
بىلگىنكى، ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، گۇناھىڭ ئۈچۈن، ئەر ـ ئايال مۆمىنلەر ئۈچۈن مەغپىرەت تىلىگىن، ئاللاھ سىلەرنىڭ (بۇ دۇنيادىكى) ھەرىكىتىڭلارنى ۋە (ئاخىرەتتىكى) جايىڭلارنى بىلىدۇ (شۇڭا ئاخىرەتلىك ئۈچۈن تەييارلىنىڭلار)[19].
مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى[20 ـ 21].
مۆمىنلەر (جىھادنى تەلەپ قىلىش يۈزىسىدىن): «نېمىشقا (جىھاد ئەمرى قىلىنغان) بىرەر سۈرە نازىل قىلىنمىدى؟» دەيدۇ، جىھاد زىكرى قىلىنغان ئېنىق سۈرە نازىل قىلىنغاندا، دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلارنىڭ) ساڭا ئۆلۈم ئالدىدا (ئۆلۈمدىن قورقۇپ) ئايلىنىپ كەتكەن ئادەمدەك قاراۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن، (ئى مۇھەممەد!) (ئۇلارنىڭ ساڭا) ئىتائەت قىلىشى ۋە چىرايلىق سۆز قىلىشى ئۇلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ياخشى ئىدى، ئۇرۇش قارار قىلىنغان چاغدا، ئۇلار ئاللاھقا سادىق بولۇشسا ئەلۋەتتە ئۇلار ئۈچۈن ياخشى ئىدى[20 ـ 21].
سىلەر (ئىسلام) دىن يۈز ئۆرۈسەڭلار زېمىندا بۇزغۇنچىلىق قىلارسىلەرمۇ ۋە سىلە ـ رەھىمنى ئۈزۈپ قويارسىلەرمۇ؟[22].
ئەنە شۇنداق كىشىلەرنى ئاللاھ رەھمىتىدىن يىراق قىلدى، ئۇلارنى (ھەقنى ئاڭلاشتىن) گاس قىلدى، (ھىدايەت يولىنى كۆرۈشتىن) كور قىلدى[23].
ئۇلار (ھەقنى تونۇش ئۈچۈن) قۇرئاننى پىكىر قىلمامدۇ؟ بەلكى ئۇلارنىڭ دىللىرىدا قۇلۇپ بار (شۇڭا ئۇلار چۈشەنمەيدۇ)[24].
توغرا يول ئېنىق بولغاندىن كېيىن ئارقىسىغا قايتىۋالغانلار (يەنى ئىماندىن كۇفرىغا قايتقانلار)غا (ئۇلارنىڭ بۇ ئىشىنى) شەيتان چىرايلىق كۆرسەتتى، (شەيتان ئارزۇ ۋە ئەجەلنىڭ ئۇزۇنلۇقى بىلەن) ئۇلارنىڭ كۆڭلىنى تىندۇردى[25].
بۇ (يەنى شەيتاننىڭ ئۇلارنى ئازدۇرۇشى) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھ نازىل قىلغان نەرسىنى يامان كۆرگەن كاپىرلارغا: «بىز بەزى ئىشلاردا سىلەرگە ئىتائەت قىلىمىز» دېدى، ئاللاھ ئۇلارنىڭ سىرلىرىنى بىلىدۇ[26].
(ئازاب) پەرىشتىلىرى ئۇلارنىڭ يۈزلىرىگە ۋە ئارقىلىرىغا ئۇرغان ھالدا ئۇلارنىڭ جانلىرىنى ئېلىۋاتقاندا (ئۇلارنىڭ ھالى) قانداق بولىدۇ؟[27].
بۇ (ئازاب) شۇنىڭ ئۈچۈندۇركى، ئۇلار ئاللاھنى دەرغەزەپ قىلىدىغان نەرسىلەرگە ئەگەشتى، ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى (يەنى ئاللاھنى رازى قىلىدىغان ئىشلارنى) ياقتۇرمىدى، شۇنىڭ بىلەن ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىنى بىكار قىلدى[28].
دىللىرىدا كېسەل بارلار (يەنى مۇناپىقلار) ئاللاھ ئۆزلىرىنىڭ (ئىسلامغا بولغان) دۈشمەنلىكىنى ئاشكارىلىمايدۇ دەپ ئويلامدۇ؟[29]
ئەگەر بىز خالىساق، ئۇلارنى چوقۇم ساڭا بىلدۈرەتتۇق، چوقۇم ئۇلارنىڭ سىماسىدىن تونۇيتتۇڭ، سەن ئەلۋەتتە سۆزىنىڭ ئۇسلۇبىدىن ئۇلارنى تونۇيسەن، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئەمەللىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[30].
بىز سىلەرنى ئەلۋەتتە (جىھادقا ئەمر قىلىش ۋە مۇشەققەتلىك ئىشلارغا تەكلىپ قىلىش بىلەن) سىنايمىز، تاكى سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن (ئاللاھنىڭ يولىدا) جىھاد قىلغۇچىلارنى ۋە (جىھادنىڭ مۇشەققەتلىرىگە) چىداشلىق بەرگۈچىلەرنى بىلگەنگە، سىرلىرىڭلاردىن ۋاقىپ بولغانغا قەدەر[31].
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغانلار، (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، توغرا يول (يەنى رەسۇلۇللاھنىڭ ھەق ئىكەنلىكى) ئېنىق بولغاندىن كېيىن پەيغەمبەر بىلەن دۈشمەنلەشكەنلەر ئاللاھقا قىلچە زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ئاللاھ ئۇلارنىڭ (سەدىقە بەرگەنگە ئوخشاش) ئەمەللىرىنى بىكار قىلىدۇ (شۇنىڭ بىلەن ئاخىرەتتە ئۇنىڭ ساۋابىغا ئېرىشەلمەيدۇ)[32].
ئى مۆمىنلەر! ئاللاھقا ئىتائەت قىلىڭلار، پەيغەمبەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، ئەمەللىرىڭلارنى (كۇفرى، نىفاق ۋە رىيا بىلەن) بىكار قىلىۋەتمەڭلار[33].
شۈبھىسىزكى، كاپىر بولغان ۋە (كىشىلەرنى) ئاللاھنىڭ يولىدىن توسقانلار، ئاندىن كاپىر پىتى ئۆلگەنلەرنى ئاللاھ ھەرگىز مەغپىرەت قىلمايدۇ[34].
(كاپىرلار بىلەن جەڭ قىلغان چېغىڭلاردا) بوشاپ قالماڭلار، (كاپىرلارنى) سۈلھكە چاقىرماڭلار، ھالبۇكى، سىلەر غالىپتۇرسىلەر، ئاللاھ سىلەر بىلەن بىرگىدۇر، ئاللاھ ھەرگىز ئەمەلىڭلارنىڭ (ساۋابىنى) كېمەيتىۋەتمەيدۇ[35].
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن ۋە تاماشادىن ئىبارەتتۇر، ئەگەر سىلەر ئىمان ئېيتساڭلار ۋە تەقۋادارلىق قىلساڭلار (ئاللاھ) سىلەرگە ئەجرىڭلارنى بېرىدۇ، مال ـ مۈلكۈڭلارنىڭ ھەممىسىنى (بېرىشنى) سورىمايدۇ (پەقەت زاكاتنى بېرىشىڭلارنى سورايدۇ)[36].
ئەگەر ئۇ سىلەردىن مال ـ مۈلكۈڭلارنى جىددى سورىسا، بېخىللىق قىلىسىلەر، بۇ بېخىللىق سىلەرنىڭ (ئىسلامغا بولغان) ئاداۋىتىڭلارنى ئاشكارىلايدۇ[37].
سىلەر شۇنداق كىشىلەركى، ئاللاھنىڭ يولىدا (پۇل ـ مال) سەرپ قىلىشقا چاقىرىلساڭلار، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بېخىللىق قىلىدىغانلار بار، كىمكى بېخىللىق قىلىدىكەن، ئۇ ئۆزىنىڭ زىيىنى ئۈچۈن بېخىللىق قىلىدۇ، ئاللاھ (سىلەرنىڭ مال ـ مۈلكۈڭلاردىن) بىھاجەتتۇر، سىلەر بولساڭلار (ئاللاھقا) موھتاجسىلەر، ئەگەر سىلەر (ئاللاھنىڭ تائىتىدىن) يۈز ئۆرۈسەڭلار، ئاللاھ سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا باشقا بىر قەۋمنى ئالماشتۇرىدۇ، ئۇلار سىلەرگە ئوخشاش بولمايدۇ (بەلكى ئاللاھقا ئىتائەت قىلىدۇ)[38].
Icon