ترجمة سورة الشمس

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الشمس باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

قۇياش ۋە ئۇنىڭ نۇرى بىلەن قەسەمكى[1]،
قۇياشقا ئەگەشكەن چاغدىكى ئاي بىلەن قەسەمكى[2]،
قۇياشنى ئاشكارا قىلغان كۈندۈز بىلەن قەسەمكى[3]،
قۇياشنى يوشۇرغان چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى[4]،
ئاسمان بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى[5]،
زېمىن بىلەن ۋە ئۇنى بىنا قىلغان زات بىلەن قەسەمكى[6]،
نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى[7ـ8]،
نەپس بىلەن ۋە ئۇنى چىرايلىق قىلىپ ياراتقان، ئۇنىڭغا ياخشى ـ يامانلىقنى بىلدۈرگەن زات بىلەن قەسەمكى[7ـ8]،
نەپسىنى پاك قىلغان ئادەم چوقۇم مۇرادىغا يېتىدۇ[9].
نەپسىنى (كۇفرى ۋە پىسقى ـ فۇجۇر بىلەن) كەمسىتكەن ئادەم چوقۇم نائۈمىد بولىدۇ[10].
سەمۇد ھەددىدىن ئاشقانلىقى ئۈچۈن (پەيغەمبەرنى) ئىنكار قىلدى[11].
ئەينى زاماندا سەمۇدنىڭ ئەڭ بەتبەخت ئادىمى (مۆجىزە بولۇپ كەلگەن تۆگىنى) ئۆلتۈرۈشكە ئالدىرىدى[12].
ئۇلارغا ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالام): «ئاللاھنىڭ تۆگىسىگە چېقىلماڭلار، ئۇنى سۇ ئىچىشتىن توسماڭلار» دېدى[13].
ئۇلار پەيغەمبەرنى (يەنى سالىھ ئەلەيھىسسالامنى) يالغانچى قىلدى، تۆگىنى ئۆلتۈردى، گۇناھى تۈپەيلىدىن ئاللاھ ئۇلارنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھالاك قىلدى[14].
ئاللاھ ئۇنىڭ (يەنى ئۇلارنى ھالاك قىلغانلىقنىڭ) ئاقىۋىتىدىن قورقمايدۇ[15].
Icon