ترجمة سورة الضحى

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الضحى باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

چاشگاھ ۋاقتى بىلەن قەسەمكى[1]،
قاراڭغۇلۇقى (ئەتراپنى قاپلىغان) چاغدىكى كېچە بىلەن قەسەمكى[2]،
(ئى مۇھەممەد!) پەرۋەردىگارىڭ سېنى تاشلىۋەتكىنىمۇ يوق، يامان كۆرۈپ قالغىنىمۇ يوق[3].
ساڭا ئاخىرەت ئەلۋەتتە دۇنيادىن ياخشىدۇر[4]،
پەرۋەردىگارىڭ ساڭا (ساۋاب، ھۆرمەت ۋە شاپائەت قاتارلىقلارنى) ئاتا قىلىدۇ، سەن مەمنۇن بولىسەن[5].
ئۇ سېنى يېتىم بىلىپ پاناھ بەرمىدىمۇ؟[6]
قايمۇققان بىلىپ ھىدايەت قىلمىدىمۇ؟[7]
سېنى يوقسۇز بىلىپ (كىشىلەردىن) بىھاجەت قىلمىدىمۇ؟[8]
يېتىمنى خارلىما[9].
سائىلغا قوپاللىق قىلما[10].
پەرۋەردىگارىڭنىڭ (ساڭا بەرگەن) نېمىتىنى (كىشىلەرگە) سۆزلەپ بەرگىن (چۈنكى نېمەتنى سۆزلەپ بەرگەنلىك نېمەتكە شۈكۈر قىلغانلىق بولىدۇ)[11].
Icon