ترجمة سورة التكوير

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة التكوير باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

كۈننىڭ نۇرى ئۆچكەن چاغدا[1]،
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
تاغلار گۇمران بولغان چاغدا[3]،
بوغاز تۆگىلەر تاشلىۋېتىلگەن چاغدا[4]،
ياۋايى ھايۋانلار توپلانغان چاغدا[5]،
دېڭىزلار ئوت بولۇپ لاۋۇلدىغان چاغدا[6]،
جانلار (ئۆز قاياشلىرىغا) قوشۇلغان چاغدا[7]،
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
تىرىك كۆمۈۋېتىلگەن قىزدىن سەن قايسى گۇناھ بىلەن ئۆلتۈرۈلدۈڭ؟ دەپ سورالغان چاغدا[8ـ9]،
نامە ـ ئەماللار ئېچىلغان چاغدا[10]،
ئاسمان ئېچىپ تاشلانغان چاغدا[11]،
دوزاخ قىزىتىلغان چاغدا[12]،
جەننەت (تەقۋادارلارغا) يېقىنلاشتۇرۇلغان چاغدا[13]،
ھەر ئادەم ئۆزىنىڭ قىلغان (ياخشى ـ يامان) ئىشلىرىنى بىلىدۇ[14].
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
كۈندۈزى يوشۇرۇنغۇچى يۇلتۇزلار بىلەن، پاتىدىغان ۋاقتىدا يوشۇرۇنىدىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەم قىلىمەن[15ـ16]،
قاراڭغۇلۇققا چۆمگەن كېچە بىلەن قەسەم قىلىمەن[17]،
يورۇشقا باشلىغان سۈبھى بىلەن قەسەم قىلىمەن[18].
قۇرئان ھەقىقەتەن (ئاللاھنىڭ) ئىززەتلىك بىر ئەلچى (ئارقىلىق نازىل قىلىنغان) سۆزىدۇر[19].
ئۇ (ئەلچى) كۈچلۈكتۇر، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەرتىۋىلىكتۇر[20].
پەرىشتىلەر ئۇنىڭغا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر. بۇ يەردە (يەنى ئاسماندا) ئۇ ئىشەنچلىكتۇر[21].
سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) مەجنۇن ئەمەستۇر[22].
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن روشەن ئۇپۇقنىڭ شەرقىدە كۆردى[23].
ئۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) (غەيبنى) تەبلىغ قىلىشتا بېخىل ئەمەستۇر[24].
ئۇ (يەنى قۇرئان) قوغلاندى شەيتاننىڭ سۆزى ئەمەستۇر[25].
قەيەرگە بارىسىلەر؟[26]
ئۇ (يەنى قۇرئان) پۈتۈن ئەھلى جاھانغا نەسىھەتتۇر[27].
سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىن (دىن بارىسىدا) راۋۇرۇس بولۇشنى خالايدىغانلارغا (قۇرئان) نەسىھەتتۇر[28].
پەقەت ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ خالىغاندىلا، ئاندىن سىلەر خالايسىلەرغىچە[29].
Icon