ترجمة معاني سورة ص باللغة الأويغورية من كتاب Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation
ﰡ
آية رقم 1
ﭑﭒﭓﭔﭕ
ﭖ
سۈرە ساد
صاد. شانلىق قۇرئان بىلەن قەسەمكى، (بۇ قۇرئان ھەقىقەتەن مۆجىزىدۇر)
آية رقم 2
ﭗﭘﭙﭚﭛﭜ
ﭝ
بەلكى كاپىرلار ئىماندىن باش تارتماقتا ۋە (رەسۇلۇللاھقا) مۇخالىپەتچىلىك قىلماقتا
آية رقم 3
ئۇلاردىن ئىلگىرى (كۇفرى تۈپەيلىدىن) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (ئازابنى كۆرگەندە) پەرياد قىلدى، ھالبۇكى، (بۇ) قاچىدىغان ۋاقىت ئەمەس
آية رقم 4
ئۇلارغا ئۆزلىرىنىڭ ئىچىدىن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلگەنلىكىگە ئۇلار ھەيران قېلىشتى، كاپىرلار ئېيتتى: «بۇ بىر يالغانچى سېھىرگەردۇر
آية رقم 5
ئۇ نۇرغۇن ئىلاھلارنى بىر ئىلاھ قىلماقچىمۇ؟ بۇ ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش»
آية رقم 6
ئۇلارنىڭ (يەنى قۇرەيشنىڭ) كاتتىلىرى (سورۇنلىرىدىن) قوزغىلىپ چىقىپ ئېيتتى: «سىلەر مېڭىڭلار، مەبۇدلىرىڭلارغا ئىبادەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇڭلار، بۇ ھەقىقەتەن (بىزدىن) ئىرادە قىلىنىدىغان بىر ئىش (يەنى مۇھەممەد سىلەرنى دىنىڭلاردىن تاندۇرۇپ، سىلەرگە ئۆزىنىڭ ئۈستۈنلۈك قازىنىشىنى ئىرادە قىلىدۇ)
آية رقم 7
بۇنى بىز باشقا بىر دىندىن (يەنى ناسارا دىنىدىكىلەردىن) ئاڭلىمىدۇق، بۇ پەقەت ئويدۇرمىدۇر
آية رقم 8
قۇرئان بىزگە نازىل بولماي ئۇنىڭغا نازىل بولدىمۇ؟» بەلكى ئۇلار مېنىڭ زىكرىم (يەنى قۇرئان) دىن شەكتىدۇر، بەلكى ئۇلار تېخى مېنىڭ ئازابىمنى تېتىغىنى يوق
آية رقم 9
ياكى ئۇلاردا غالىب، ناھايىتى كەرەملىك پەرۋەردىگارىڭنىڭ رەھمىتىنىڭ خەزىنىلىرى بارمۇ؟
آية رقم 10
ياكى ئۇلار ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى نەرسىلەرنىڭ پادىشاھلىقىغا ئىگىمۇ؟ (ئەگەر ئۇلار ئىگە بولسا، ئۇلار ئۆزلىرىنى ئاسمانغا ئېلىپ چىقىدىغان) شوتىلارغا چىقسۇن
آية رقم 11
ﯟﯠﯡﯢﯣﯤ
ﯥ
ئۇلار (رەسۇلۇللاھقا قارشى) جامائەلەردىن ئۇيۇشقان مەغلۇب قىلىنىدىغان قوشۇندۇر
آية رقم 12
ئۇلاردىن (يەنى قۇرەيش مۇشرىكلىرىدىن) ئىلگىرى نۇھ قەۋمى، ئاد (قەۋمى) ۋە قوزۇقلار ئىگىسى پىرئەۋن (قەۋمى) (پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلدى
آية رقم 13
سەمۇد قەۋمى، لۇت قەۋمى ۋە ئەيكىلىكلەر (يەنى شۇئەيب ئەلەيھىسسالام قەۋمى) مۇ (پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلدى)، ئەنە شۇلار (پەيغەمبەرلەرگە قارشى ئۇيۇشقان) جامائەلەر ئىدى
آية رقم 14
ئۇلار (يەنى جامائەلەر) دىن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلمىغان بىرىمۇ يوق، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارغا مېنىڭ ئازابىم تېگىشلىك بولدى
آية رقم 15
بۇلار (يەنى مەككە مۇشرىكلىرى) پەقەت بىر ئاۋاز (يەنى بىرىنچى قېتىملىق سۇر) نىلا كۈتىدۇ، ئۇ قايتىلانمايدۇ
آية رقم 16
ئۇلار (مەسخىرە قىلىش يولى بىلەن): «پەرۋەردىگارىمىز! (سەن بىزگە ئازابتىن ۋەدە قىلغان) نېسىۋىمىزنى بىزگە بالدۇرراق – قىيامەت كۈنىدىن ئىلگىرى بەرگىن» دېيىشتى
آية رقم 17
ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋر قىلغىن، (دىندا) كۈچلۈك بەندىمىز داۋۇدنى ئەسلىگىن، ئۇ ھەقىقەتەن اﷲ قا ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى
آية رقم 18
بىز ھەقىقەتەن تاغلارنى (داۋۇدقا) بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلار داۋۇد بىلەن ئەتىگىنى - ئاخشىمى تەسبىھ ئېيتاتتى
آية رقم 19
ﭦﭧﭨﭩﭪﭫ
ﭬ
قۇشلارنىمۇ ئۇنىڭغا بويسۇندۇرۇپ بەردۇق، ئۇلارمۇ (تەرەپ - تەرەپتىن) توپلىنىپ، داۋۇد بىلەن بىللە تەسبىھ ئېيتاتتى، (تاغلارنىڭ، قۇشلارنىڭ) ھەممىسى اﷲ قا ئىتائەت قىلغۇچىدۇر
آية رقم 20
ﭭﭮﭯﭰﭱﭲ
ﭳ
داۋۇدنىڭ سەلتەنىتىنى كۈچەيتتۇق، ئۇنىڭغا ھېكمەت ۋە (ھەممە ئادەم چۈشىنىدىغان) روشەن سۆز - ئىبارىلەرنى ئاتا قىلدۇق
آية رقم 21
(ئى مۇھەممەد!) دەۋا قىلغۇچىلارنىڭ قىسسىسى ساڭا يەتتىمۇ؟ ئۆز ۋاقتىدا ئۇلار (داۋۇد ئىبادەت قىلىۋاتقان) مەسجىدنىڭ تېمىدىن ئارتىلىپ چۈشۈشتى
آية رقم 22
ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار داۋۇدنىڭ يېنىغا كىردى. داۋۇد ئۇلاردىن قورقتى، ئۇلار (داۋۇدقا): «قورقمىغىن، بىز بىرىمىز - بىرىمىزگە چېقىلغان ئىككى دەۋاگەرمىز، بىزنىڭ ئارىمىزدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم قىلغىن، ناھەق ھۆكۈم چىقارمىغىن، بىزنى توغرا يولغا باشلىغىن» دېدى
آية رقم 23
(ئۇلارنىڭ بىرى) «شۈبھىسىزكى، مېنىڭ بۇ قېرىندىشىمنىڭ 99 ساغلىقى بار، مېنىڭ بىر ساغلىقىم بار، قېرىندىشىم ئۇ بىر ساغلىقنىمۇ ماڭا بەرگىن دەيدۇ، (ئارىمىزدا بۇ توغرۇلۇق مۇنازىرە بولۇپ) ئۇ مېنى سۆزدە يېڭىپ قويدى» دېدى
آية رقم 24
داۋۇد ئېيتتى: «ئۇ سېنىڭ ساغلىقىڭنى ئۆزىنىڭ ساغلىقلىرىغا قوشۇۋېلىشنى تەلەپ قىلىپ راستلا سېنى بوزەك قىلىپتۇ، نۇرغۇن شېرىكلەر (يەنى دوستلار)، شۈبھىسىزكى، بىر - بىرىگە چېقىلىدۇ، پەقەت ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەل قىلغانلارلا (بىر - بىرىگە چېقىلمايدۇ) بۇلار ئازدۇر». داۋۇد بىزنىڭ ئۇنى سىنىغانلىقىمىزنى بىلدى. پەرۋەردىگارىدىن مەغپىرەت تەلەپ قىلدى، سەجدىگە باردى. (اﷲ قا) تەۋبە قىلدى
آية رقم 25
بىز ئۇنىڭ خاتالىقىنى ئەپۇ قىلدۇق، ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ئەلۋەتتە يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ
آية رقم 26
ئى داۋۇد! سېنى بىز ھەقىقەتەن يەر يۈزىدە خەلىپە قىلدۇق، كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق بىلەن ھۆكۈم چىقارغىن، نەپسى خاھىشقا ئەگەشمىگىنكى، ئۇ سېنى اﷲ نىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، اﷲ نىڭ يولىدىن ئازغانلار ھېساب كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى) نى ئۇنتۇغانلىقلىرى ئۈچۈن ھەقىقەتەن قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ
آية رقم 27
ئاسماننى، زېمىننى ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنى بىكار ياراتمىدۇق، ئۇ (يەنى ئۇلارنى بىكار يارىتىلغان دەپ قاراش) كاپىرلارنىڭ گۇمانىدۇر، كاپىرلارغا دوزاختىن ۋاي!
آية رقم 28
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلارنى يەر يۈزىدە بۇزغۇنچىلىق قىلغانلار بىلەن ئوخشاش قىلامدۇق؟ ياكى تەقۋادارلارنى فاجىرلارغا ئوخشاش قىلامدۇق؟
آية رقم 29
(بۇ) ئۇلارنىڭ ئايەتلەرنى تەپەككۈر قىلىشلىرى ئۈچۈن، ئەقىل ئىگىلىرىنىڭ ۋەز - نەسىھەت ئېلىشلىرى ئۈچۈن بىز ساڭا نازىل قىلغان مۇبارەك كىتابتۇر
آية رقم 30
بىز داۋۇدقا سۇلەيماننى ئاتا قىلدۇق، سۇلەيمان نېمىدېگەن ياخشى بەندە! ئۇ (اﷲ قا) ھەقىقەتەن ئىتائەت قىلغۇچى ئىدى
آية رقم 31
ﮅﮆﮇﮈﮉﮊ
ﮋ
ئۆز ۋاقتىدا كەچقۇرۇنلىقى ئۇنىڭغا ياخشى يۈگۈرۈك ئاتلار توغرىلاندى
آية رقم 32
سۇلەيمان ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاتلارنى پەرۋەردىگارىمنى ئەسلەش ئۈچۈن ياخشى كۆردۈم، ئۇلار (كۆزۈمدىن) غايىب بولغۇچە (ئۇلارنى كۆزدىن كۆچۈرۈش بىلەن بولدۇم)»
آية رقم 33
سۇلەيمان ئېيتتى: «ئاتلارنى مېنىڭ ئالدىمغا ئېلىپ كېلىڭلار». (ئاتلار ئېلىپ كېلىنگەندىن كېيىن) سۇلەيمان ئۇلارنىڭ پاچاقلىرىنى، بويۇنلىرىنى سىلاشقا باشلىدى
آية رقم 34
بىز ھەقىقەتەن سۇلەيماننى سىنىدۇق، ئۇنىڭ تەختى ئۈستىگە بىر جەسەتنى تاشلىدۇق، ئاندىن ئۇ (بۇنىڭ سىناق ئىكەنلىكىنى بىلىپ) تەۋبە قىلدى
آية رقم 35
سۇلەيمان ئېيىتتى: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا مەندىن كېيىن (مەندىن باشقا) ھېچ ئادەمگە مۇيەسسەر بولمايدىغان پادىشاھلىقنى ئاتا قىلغىن، سەن ھەقىقەتەن كۆپ ئاتا قىلغۇچىسەن»
آية رقم 36
بىز سۇلەيمانغا شامالنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق. شامال سۇلەيماننىڭ بۇيرۇقى بويىچە ئۇ خالىغان تەرەپكە لەرزان ماڭاتتى
آية رقم 37
ﯥﯦﯧﯨ
ﯩ
ھەمدە ئۇنىڭغا (كاتتا بىنالارنى سالالايدىغان) قۇرغۇچى ۋە (دېڭىزلارغا چۆكۈپ ئۈنچە - مارجانلارنى ئېلىپ چىقالايدىغان) غەۋۋاس شەيتانلارنى بويسۇندۇرۇپ بەردۇق
آية رقم 38
ﯪﯫﯬﯭ
ﯮ
يەنە نۇرغۇن شەيتانلارغا ئىشكەل سېلىنغاندۇر
آية رقم 39
(بىز سۇلەيمانغا ئېيتتۇقكى) «بۇ بىزنىڭ (ساڭا بەرگەن كەڭ) ئاتايىمىز، (ئۇنىڭدىن سەن خالىغان كىشىگە) بەرگىن، ياكى بەرمىگىن، (بۇ ھەقتە سەندىن) ھېساب ئېلىنمايدۇ»
آية رقم 40
ﯷﯸﯹﯺﯻﯼ
ﯽ
ئۇ بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن يېقىنلىققا ۋە ياخشى ئاقىۋەتكە ئىگە بولىدۇ
آية رقم 41
بەندىمىز ئەييۇبنى ئەسلىگىن، ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا (ئىلتىجا قىلىپ): «شەيتان ماڭا ھەقىقەتەن جاپا - مۇشەققەت ۋە ئازاب يەتكۈزدى» دەپ نىدا قىلدى
آية رقم 42
ئۇنىڭغا: «پۇتۇڭ بىلەن يەرنى تەپكىن» دېدۇق، ئۇ پۇتى بىلەن يەرنى تېپىۋىدى، سۈزۈك بىر بۇلاق ئېتىلىپ چىقتى. (بىز ئۇنىڭغا) «بۇ يۇيۇنسىمۇ بولىدىغان، ئىچسىمۇ بولىدىغان سوغۇق سۇدۇر» (دېدۇق)
آية رقم 43
بىز ئۇنىڭ (كېسەل ۋاقتىدا ھادىسىگە ئۇچراپ يوق بولغان) ئەھلى - ئەۋلادىنى (يېڭىدىن) بەردۇق، ئۇلار بىلەن بىللە بىر باراۋەر ئارتۇق بەردۇق، (بۇ) بىزنىڭ نازىل قىلغان رەھمىتىمىزدۇر، ئەقىل ئىگىلىرى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر
آية رقم 44
(ئۇنىڭغا) «قولۇڭ بىلەن بىر باغلام چۆپنى ئېلىپ، ئۇنىڭ بىلەن (ئايالىڭنى) ئۇرغىن. قەسىمىڭنى بۇزمىغىن» (دېدۇق). بىز ئەييۇبنى ھەقىقەتەن سەۋرچان بايقىدۇق، ئۇ نېمىدېگەن ئوبدان بەندە! ھەقىقەتەن ئۇ (اﷲ قا) تەۋبە بىلەن يۈزلەنگۈچىدۇر
آية رقم 45
ئىبادەتتە كۈچلۈك، (دىندا) بەسىرەتلىك بەندىلىرىمىز ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئەسلىگىن
آية رقم 46
ﭶﭷﭸﭹﭺ
ﭻ
ئۇلارنى بىز پاك - خىسلەتلىك، ئاخىرەتنى ئەسلەپ تۇرىدىغان سەمىمىي كىشلەر قىلدۇق
آية رقم 47
ﭼﭽﭾﭿﮀ
ﮁ
ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزدا ھەقىقەتەن ئالاھىدە تاللانغان كىشىلەردۇر، ھەقىقەتەن ياخشى كىشىلەردۇر
آية رقم 48
ئىسمائىلنى، ئىليەسەنى ۋە زۇلكىفلنى ئەسلىگىن، (ئۇلارنىڭ) ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر
آية رقم 49
بۇ ۋەز - نەسىھەتتۇر، تەقۋادارلارغا ئەلۋەتتە ياخشى ئاقىۋەت بار
آية رقم 50
ﮔﮕﮖﮗﮘ
ﮙ
(ئۇ) تۇرالغۇ بولغان جەننەتلەردىن ئىبارەت بولۇپ، ئۇلارغا ئۇنىڭ دەرۋازىلىرى ئوچۇقتۇر
آية رقم 51
ئۇلار جەننەتلەردە تەختلەرگە يۆلىنىپ ئولتۇرىدۇ، ئۇلار جەننەتلەردە نۇرغۇن مېۋىلەرنى، نۇرغۇن شارابلارنى تەلەپ قىلىپ (ئەكەلدۈرۈپ) تۇرىدۇ
آية رقم 52
ﮢﮣﮤﮥﮦ
ﮧ
ئۇلارنىڭ يانلىرىدا ئەرلىرىدىن غەيرىيگە كۆز سالمايدىغان، ياش قۇرامى ئوخشاش جۈپتىلىرى بولىدۇ
آية رقم 53
ﮨﮩﮪﮫﮬ
ﮭ
بۇ سىلەرگە قىيامەت كۈندە ۋەدە قىلىنغان نېمەتتۇر
آية رقم 54
بۇ ھەقىقەتەن بىزنىڭ ئاتايىمىزدۇركى، ئۇ ھەرگىز تۈگىمەيدۇ
آية رقم 55
ﯗﯘﯙﯚﯛﯜ
ﯝ
بۇ (ھەقىقەتتۇر)، كاپىرلارنىڭ (ئاخىرەتتە بولىدىغان جايى) ھەقىقەتەن ئەڭ يامان جايدۇر
آية رقم 56
ﯞﯟﯠﯡ
ﯢ
ئۇ جەھەننەمدۇر، ئۇلار جەھەننەمگە كىرىدۇ، ئۇ نېمىدېگەن يامان جاي!
آية رقم 57
ﯣﯤﯥﯦ
ﯧ
بۇ (كۆيدۈرگۈچى) قىزىق سۇدۇر، قان - يىرىڭدۇر، ئۇلار بۇنى تېتىسۇن
آية رقم 58
ﯨﯩﯪﯫ
ﯬ
يەنە (ئۇلارغا) مۇشۇ خىلدىكى باشقا تۈرلۈك ئازابلار بار
آية رقم 59
(ئەگەشكۈچىلىرى بىلەن دوزاخقا كىرگەن چاغدا، ئەگەشتۈرگۈچىلەرگە ئېيتىلىدۇ) «بۇ جامائە سىلەر بىلەن بىرگە كىرگۈچىدۇر». (ئەگەشتۈرگۈچىلەر ئېيتىدۇ) «ئۇلار قارشى ئېلىنمايدۇ، ئۇلار چوقۇم (بىزگە ئوخشاش) ئازابنى تېتىغۇچىدۇر»
آية رقم 60
ئەگەشكۈچىلەر ئېيتىدۇ: «بەلكى سىلەر قارشى ئېلىنمايسىلەر، سىلەر ئازابنى بىزگە ئېلىپ كەلدىڭلار (يەنى بىزنى ئازدۇرۇپ دوزاخقا كىرىشىمىزگە سەۋەبچى بولدۇڭلار)، بۇ نېمىدېگەن يامان جاي!»
آية رقم 61
ئۇلار (يەنى ئەگەشكۈچىلەر): «پەرۋەردىگارىمىز! بىزگە بۇ ئازابنى ئېلىپ كەلگەن ئادەمگە دوزاخ ئازابىنى ئىككى ھەسسە زىيادە قىلغىن» دەيدۇ
آية رقم 62
ئۇلار (يەنى كاپىرلارنىڭ كاتتىباشلىرى) ئېيتىدۇ: «بىز (دۇنيادىكى چاغدا) يامانلاردىن ھېسابلايدىغان ئادەملەرنى (يەنى مۆمىنلەرنى) (دوزاختا) كۆرمەيمىزغۇ؟
آية رقم 63
ﭜﭝﭞﭟﭠﭡ
ﭢ
ئۇلارنى بىز (دۇنيادىكى چاغدا) مەسخىرە قىلاتتۇقمۇ؟ ياكى ئۇلاردىن كۆزلەر ئېغىپ كەتتىمۇ؟ (يەنى ياكى ئۇلار دوزاختا بىز بىلەن بىللە تۇرسىمۇ كۆرمەيۋاتامدۇق؟)»
آية رقم 64
ﭣﭤﭥﭦﭧﭨ
ﭩ
ئەھلى دوزاخنىڭ بۇ رەۋىشتە ئۆزئارا جاڭجاللىشىشى چوقۇمدۇر
آية رقم 65
(ئى مۇھەممەد! مەككە كاپىرلىرىغا) ئېيتقىنكى، «مەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن، غالىب بىر اﷲ تىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر
آية رقم 66
(ئۇ اﷲ) ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، غالىبتۇر. (ئۆزى خالىغان بەندىلەرنى) ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر»
آية رقم 67
ﭿﮀﮁﮂ
ﮃ
(ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئۇ (يەنى اﷲ نىڭ بىرلىكىگە دەۋەت قىلغۇچى پەيغەمبەر ئىكەنلىكىم) چوڭ خەۋەردۇر
آية رقم 68
ﮄﮅﮆ
ﮇ
سىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈيسىلەر
آية رقم 69
پەرىشتىلەر (ئادەم ئەلەيھىسسالام توغرىسىدا) مۇنازىرىلىشىۋاتقان چاغدا، مەن ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى بىلمەيتتىم
آية رقم 70
ماڭا پەقەت ۋەھيى قىلىنىدۇكى، مەن روشەن بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن»
آية رقم 71
ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىڭ پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن لايدىن بىر ئادەم يارىتىمەن
آية رقم 72
ئۇنى مەن راۋۇرۇس ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرىنى تولۇق، مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن ۋاقتىمدا ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار»
آية رقم 73
ﮯﮰﮱﯓ
ﯔ
پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ قالماي، ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى
آية رقم 74
ﯕﯖﯗﯘﯙﯚ
ﯛ
پەقەت ئىبلىسلا بويۇنتاۋلىق قىلدى، ئۇ كاپىرلاردىن بولۇپ كەتتى
آية رقم 75
اﷲ ئېيتتى: «ئى ئىبلىس! مەن ئۆز قولۇم بىلەن ياراتقان ئىنسانغا سەجدە قىلىشتىن ساڭا نېمە توسقۇنلۇق قىلدى (ئۇنىڭغا سەجدە قىلماسلىقىڭ تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقىڭدىنمۇ؟ ياكى يۇقىرى مەرتىۋىلىكلەردىن بولغانلىقىڭدىنمۇ؟»
آية رقم 76
ئىبلىس: «مەن ئۇنىڭدىن ئارتۇق، مېنى ئوتتىن ياراتتىڭ، ئۇنى لايدىن ياراتتىڭ» دېدى
آية رقم 77
ﯷﯸﯹﯺﯻ
ﯼ
اﷲ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى
آية رقم 78
ﯽﯾﯿﰀﰁﰂ
ﰃ
اﷲ: «سەن جەننەتتىن يوقال! سەن ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ، ساڭا ھەقىقەتەن قىيامەتكىچە مېنىڭ لەنىتىم بولسۇن» دېدى
آية رقم 79
ﰄﰅﰆﰇﰈﰉ
ﰊ
ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا (خالايىق) تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت) گىچە مۆھلەت بەرسەڭ (يەنى مېنى ھايات قالدۇرساڭ)» دېدى
آية رقم 80
ﰋﰌﰍﰎ
ﰏ
اﷲ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى
آية رقم 81
ﰐﰑﰒﰓ
ﰔ
اﷲ: «جەزمەن ساڭا مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى
آية رقم 82
ﰕﰖﰗﰘ
ﰙ
ئىبلىس ئېيتتى: «ئىززىتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى چوقۇم ئازدۇرىمەن
آية رقم 83
ﰚﰛﰜﰝ
ﰞ
ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)»
آية رقم 84
ﭑﭒﭓﭔ
ﭕ
اﷲ ئېيتتى: «مېنىڭ سۆزۈم ھەقتۇر، مەن ھەقنى سۆزلەيمەن
آية رقم 85
سەن بىلەن ۋە ئۇلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرنىڭ ھەممىسى بىلەن چوقۇم جەھەننەمنى توشقۇزىمەن»
آية رقم 86
ئېيتقىنكى، «(اﷲ تەرىپىدىن كەلگەن ۋەھيىنى) تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچ ھەق تەلەپ قىلمايمەن، مەن (قۇرئاننى) ئىپتىرا قىلغۇچىلاردىن (يەنى يالغاندىن توقۇغۇچىلاردىن) ئەمەسمەن
آية رقم 87
ﭩﭪﭫﭬﭭ
ﭮ
قۇرئان پەقەت جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز - نەسىھەتتۇر
آية رقم 88
ﭯﭰﭱﭲ
ﭳ
بىر مۇددەتتىن كېيىن ئۇنىڭ راستلىقىنى چوقۇم بىلىسىلەر»
تقدم القراءة