ترجمة سورة مريم

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة مريم باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

كاف، ھا، يا، ئەين، ساد[1].
بۇ، پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەندىسى زەكەرىياغا قىلغان مەرھەمىتىنىڭ بايانىدۇر[2].
ئۇ ئۆز ۋاقتىدا پەرۋەردىگارىغا پەس ئاۋازدا مۇناجات قىلدى[3].
ئۇ ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! مەن ھەقىقەتەن كۈچ ـ قۇۋۋىتىمدىن كەتتىم، چېچىم ئاقاردى. پەرۋەردىگارىم! ساڭا دۇئا قىلىپ ئۈمىدسىز بولۇپ قالغىنىم يوق[4].
مەن تاغىلىرىمنىڭ بالىلىرىنىڭ ئورنۇمنى باسالماسلىقلىرىدىن (يەنى دىننى قولدىن بېرىپ قويۇشلىرىدىن) ھەقىقەتەن ئەنسىرەيمەن، مېنىڭ ئايالىم تۇغماستۇر، (پەزلىڭدىن) ماڭا بىر (ياخشى) پەرزەنت ئاتا قىلغىن[5].
ئۇ ماڭا ۋارىس بولغاي ۋە يەئقۇب ئەۋلادىغا ۋارىس بولغاي، پەرۋەردىگارىم! ئۇنى سېنىڭ رازىلىقىڭغا ئېرىشىدىغان قىلغىن»[6].
(ئاللاھ ئېيتتىكى) «ئى زەكەرىيا! بىز ھەقىقەتەن ساڭا (پەرىشتىلەر ئارقىلىق) يەھيا ئىسىملىك بىر ئوغۇل بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز، ئىلگىرى ھېچ ئادەمنى ئۇنىڭغا ئىسىمداش قىلمىدۇق»[7].
زەكەرىيا ئېيتتى: «ئايالىم تۇغماس تۇرسا، مەن قېرىپ مۈكچىيىپ كەتكەن تۇرسام، مېنىڭ قانداقمۇ ئوغلۇم بولسۇن؟»[8].
(نىدا قىلغان پەرىشتە) ئېيتتى: «ئىش ئەنە شۇنداقتۇر، پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: بۇ مەن ئۈچۈن ئاساندۇر، سېنى مەن ياراتتىم، ھالبۇكى سەن بۇرۇن يوق ئىدىڭ (يەنى سېنى يوقتىن بار قىلغاندەك، يەھيانى ئىككىڭلاردىن تۆرەلدۈرۈشكە قادىرمەن)»[9].
زەكەرىيا ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! (ئايالىمنىڭ ھامىلدار بولغانلىقىغا) ماڭا بىر ئالامەت قىلىپ بەرسەڭ». ئاللاھ ئېيتتى: «سېنىڭ ئالامىتىڭ (شۇكى)، ساق تۇرۇپ ئۈچ كېچە ـ كۈندۈز كىشىلەرگە سۆز قىلالمايسەن»[10].
زەكەرىيا نامازگاھىدىن قەۋمىنىڭ ئالدىغا چىقىپ، ئۇلارنى ئەتىگەن ـ ئاخشامدا تەسبىھ ئېيتىشقا ئىشارەت قىلدى[11].
(يەھيا تۇغۇلۇپ چوڭ بولغاندا ئۇنىڭغا) «ئى يەھيا! كىتابنى (يەنى تەۋراتنى) تىرىشىپ ئوقۇغىن» (دېدۇق). ئۇنىڭغا بالىلىق چېغىدىلا ئەقىل ـ پاراسەت ئاتا قىلدۇق[12].
بىز ئۇنىڭغا مەرھەمەت قىلىش ۋە ئۇنى (ناچار خىسلەتلەردىن) پاك قىلىش يۈزىسىدىن (شۇنداق قىلدۇق)، يەھيا تەقۋادار ئىدى[13].
ئۇنى ئاتا ـ ئانىسىغا كۆيۈمچان (قىلدۇق)، ئۇ مۇتەكەببىر (يەنى ئاتا ـ ئانىسىنى قاخشاتقۇچى)، (پەرۋەردىگارىغا) ئاسىيلىق قىلغۇچى بولمىدى[14].
ئۇ تۇغۇلغان كۈنىدە، ۋاپات بولغان كۈنىدە، تىرىلىپ (قەبرىدىن) تۇرغۇزۇلغان كۈنىدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىدۇ[15].
(ئۇلارغا) قۇرئاندا مەريەم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئەينى زاماندا ئۇ ئائىلىسىدىن ئايرىلىپ شەرق تەرەپتىكى بىر جايغا باردى[16].
ئۇ پەردە تارتىپ كىشىلەردىن يوشۇرۇندى، ئۇنىڭغا بىزنىڭ روھىمىزنى (يەنى جىبرىئىل ئەلەيھىسسالامنى) ئەۋەتتۇق، ئۇ مەريەمگە بېجىرىم ئادەم سۈرىتىدە كۆرۈندى[17].
مەريەم ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا سىغىنىپ سېنىڭ چېقىلىشىڭدىن پاناھ تىلەيمەن، ئەگەر سەن تەقۋادار بولساڭ (ماڭا چېقىلمىغىن)»[18].
جىبرىئىل ئېيتتى: «مەن ساڭا بىر پاك ئوغۇل بېرىش ئۈچۈن ئەۋەتىلگەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىسىمەن»[19].
مەريەم ئېيتتى: «ماڭا كىشى يېقىنلاشمىغان تۇرسا، مەن پاھىشە قىلمىغان تۇرسام، قانداقمۇ مېنىڭ ئوغۇل بالام بولسۇن؟»[20].
جىبرىئىل ئېيتتى: «ئەمەلىيەت سەن دېگەندەكتۇر، (لېكىن پەرۋەردىگارىڭ ئېيتتى: ئۇ ماڭا ئاساندۇر. ئۇنى كىشىلەرگە قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىدىغان) دەلىل ۋە بىز تەرەپتىن بولغان مەرھەمەت قىلدۇق، بۇ تەقدىر قىلىنىپ بولغان ئىشتۇر»[21].
مەريەم ھامىلدار بولدى، (ئائىلىسىدىن) يىراق بىر جايغا كەتتى[22].
تولغاقنىڭ قاتتىقلىقى ئۇنى (يۆلىنىۋېلىش ئۈچۈن) بىر خورما دەرىخىنىڭ يېنىغا كېلىۋېلىشقا مەجبۇر قىلدى. مەريەم ئېيتتى: «كاشكى مەن بۇنىڭدىن ئىلگىرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسامچۇ! كىشىلەر تەرىپىدىن ئۇنتۇلۇپ كەتكەن (ئەرزىمەس) نەرسىگە ئايلىنىپ كەتسەمچۇ!»[23].
جىبرىئىل ئۇنىڭغا خورما دەرىخىنىڭ ئاستىدىن نىدا قىلدى: «غەم قىلمىغىن، پەرۋەردىگارىڭ سېنىڭ ئاستىڭدىن (ئېقىپ تۇرىدىغان) بىر ئېرىقنى پەيدا قىلدى[24].
خورما دەرىخىنى ئۆز تەرىپىڭگە ئىرغىتقىن، ئالدىڭغا پىشقان يېڭى خورمىلار تۆكۈلىدۇ[25].
(بۇ شېرىن خورمىدىن) يېگىن، (بۇ تاتلىق سۇدىن) ئىچكىن ۋە خۇرسەن بولغىن، بىرەر ئادەمنى كۆرسەڭ (ئۇ بالا توغرۇلۇق سورىسا): مەن ھەقىقەتەن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ۋەدە بەردىم، بۈگۈن ھېچ ئادەمگە سۆز قىلمايمەن دېگىن»[26].
مەريەم بوۋاقنى (يەنى ئىيسا ئەلەيھىسسالامنى) كۆتۈرۈپ قەۋمىنىڭ ئالدىغا كەلدى، ئۇلار ئېيتتى: «ئى مەريەم! سەن ھەقىقەتەن غەلىتە ئىش قىلدىڭ[27].
ئى ھارۇننىڭ ھەمشىرىسى! سېنىڭ ئاتاڭ يامان ئادەم ئەمەس ئىدى، ئاناڭمۇ يولدىن چىققان خوتۇن ئەمەس ئىدى»[28].
مەريەم بوۋاقنى كۆرسەتتى، ئۇلار: «بۆشۈكتىكى بوۋاققا قانداق سۆزلەيمىز» دېدى[29].
بوۋاق ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن ئاللاھنىڭ بەندىسىمەن، ماڭا كىتابنى بەردى (يەنى ئىنجىلنى بېرىدۇ) ۋە مېنى پەيغەمبەر قىلدى (يەنى قىلىدۇ)[30].
قەيەردە بولاي مېنى بەرىكەتلىك قىلدى، ھاياتلا بولىدىكەنمەن، ماڭا نامازنى، زاكاتنى ئادا قىلىشنى تەۋسىيە قىلدى[31].
مېنى ئانامغا كۆيۈمچان قىلدى، مېنى مۇتەكەببىر، شەقى قىلمىدى[32].
مەن تۇغۇلغان كۈنۈمدە، ۋاپات بولغان كۈنۈمدە، تىرىلىپ قەبرەمدىن تۇرغۇزۇلغان كۈنۈمدە (ئاللاھتائالا تەرىپىدىن بولغان) ئامانلىققا ئېرىشىمەن»[33].
ئەنە شۇ ئىيسا ئىبىن مەريەمنىڭ (قىسسەسىدۇر). ئىيسا ئۇلار دەتالاش قىلىۋاتقان ئۆزىنڭ ئىشىنىڭ (ھەقىقىتى) ئۈستىدە ھەق گەپنى قىلدى[34].
«ئاللاھنىڭ شەنىگە بالىسى بولۇش لايىق ئەمەس، ئاللاھ (بالىدىن، شېرىكتىن) پاكتۇر، ئاللاھ بىرەر ئىش قىلىشنى ئىرادە قىلسا، ئۇنىڭغا ۋۇجۇتقا كەل دەيدۇ ـ دە، ئۇ ۋۇجۇتقا كېلىدۇ[35].
ئاللاھ ھەقىقەتەن مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، سىلەرنىڭمۇ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، بۇ توغرا يولدۇر»[36].
ئىيسانىڭ ئىشى توغرىسىدا ئۇلار (يەنى ئەھلى كىتاب) ئارىسىدىكى پىرقىلەر ئىختىلاپ قىلىشتى، بۈيۈك كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) كەلگەن چاغدا، كاپىرلارغا ۋاي![37]
ئۇلار بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا كەلگەن كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) قۇلاقلىرى تازا ئاڭلايدىغان، كۆزلىرى تازا كۆرىدىغان بولىدۇ، لېكىن زالىملار بۈگۈن (يەنى بۇ دۇنيادا) روشەن گۇمراھلىقتىدۇر[38].
ئۇلارنى (يەنى خالايىقنى) ھەسرەت كۈنى (يەنى قىيامەت كۈنى)دىن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇ چاغدا ھەممە ئىش بىر تەرەپ قىلىنغان بولىدۇ. ھالبۇكى، ئۇلار غەپلەتتىدۇر، (قىيامەتنى) ئىنكار قىلماقتىدۇر[39].
زېمىنغا ۋە زېمىن ئۈستىدىكى بارچىگە چوقۇم بىز ۋارىسلىق قىلىمىز. ئۇلار (ھېساب بېرىش ئۈچۈن) بىزنىڭ دەرگاھىمىزغا قايتۇرۇلىدۇ[40].
(ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىبراھىم (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن تولىمۇ راستچىل پەيغەمبەر ئىدى[41].
ئۆز ۋاقتىدا ئىبراھىم ئاتىسىغا ئېيتتى: «ئى ئاتا! نېمىشقا ئاڭلىمايدىغان، كۆرمەيدىغان ۋە ساڭا ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدىغان نەرسىلەرگە چوقۇنىسەن[42].
ئى ئاتا! ماڭا سەن بىلمەيدىغان ئىلىملەر نازىل بولدى، ماڭا ئەگەشكىن، سېنى توغرا يولغا باشلايمەن[43].
ئى ئاتا! شەيتانغا چوقۇنمىغىن، شەيتان مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ھەقىقەتەن ئاسىيلىق قىلدى[44].
ئى ئاتا! سېنىڭ مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئازابىغا قېلىشىڭدىن، شەيتاننىڭ ھەمراھىغا ئايلىنىپ قېلىشىڭدىن قورقىمەن»[45].
ئۇ (يەنى ئازەر) ئېيتتى: «ئى ئىبراھىم! سەن مېنىڭ ئىلاھلىرىمدىن يۈز ئۆرۈمەكچىمۇسەن، ئەگەر سەن (مۇنداق قىلىشتىن) يانمىساڭ، چوقۇم سېنى تاش ـ كېسەك قىلىپ ئۆلتۈرىمەن، ئۇزاق زامان مەندىن يىراق تۇرغىن»[46].
ئىبراھىم ئېيتتى: «ساڭا ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىمدىن ساڭا مەغپىرەت تىلەيمەن، ئاللاھ ماڭا ھەقىقەتەن مېھرىباندۇر[47].
سىلەردىن ۋە سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلەردىن يىراق بولىمەن، پەرۋەردىگارىمغا ئىبادەت قىلىمەن، پەرۋەردىگارىمنىڭ ئىبادىتىدىن مەھرۇم بولۇپ قالماسلىقنى ئۈمىد قىلىمەن»[48].
ئۇ ئۇلاردىن ۋە ئۇلارنىڭ ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان نەرسىلىرىدىن يىراقلاشتى، ئۇنىڭغا بىز ئىسھاق ۋە يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق، ئۇ ئىككىسىنىڭ ھەر بىرسىنى پەيغەمبەر قىلدۇق[49].
ئۇلارغا بىزنىڭ رەھمىتىمىزنى ئاتا قىلدۇق، ئۇلارنىڭ نامىنى بەلەن ۋە يۇقىرى قىلدۇق[50].
كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) مۇسا (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن. شۈبھىسىزكى، ئۇ ئاللاھ ئىبادىتىگە خاس قىلغان ھەم رەسۇل (يەنى ئەلچى)، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[51].
ئۇنىڭغا بىز تۇر تېغىنىڭ ئوڭ تەرىپىدىن نىدا قىلدۇق، ئۇنى بىز مۇناجات ئۈچۈن (دەرگاھىمىزغا) يېقىنلاشتۇردۇق[52].
ئۇنىڭغا بىز مەرھەمەت قىلىپ قېرىندىشى ھارۇننى پەيغەمبەر قىلىپ بەردۇق[53].
(ئى مۇھەممەد!) كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىسمائىل (نىڭ قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن ۋەدىسىدە راستچىل، ھەم رەسۇل، ھەم پەيغەمبەر ئىدى[54].
ئۇ ئائىلىسىدىكىلەرنى ناماز ئوقۇشقا، زاكات بېرىشكە بۇيرۇيتتى، پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇنىڭ رازىلىقىغا ئېرىشكەن ئىدى[55].
كىتابتا (يەنى قۇرئاندا) ئىدرىس (قىسسەسى) نى بايان قىلغىن، ئۇ ھەقىقەتەن راستچىل پەيغەمبەر ئىدى[56].
ئۇنى بىز يۇقىرى ئورۇنغا كۆتۈردۇق[57].
ئاللاھنىڭ نېمىتىگە ئېرىشكەن ئەنە شۇ پەيغەمبەرلەر ئادەم (ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز نۇھ بىلەن بىللە كېمىگە سالغانلارنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىبراھىمنىڭ نەسلىدىندۇر، ئىسرائىل (يەنى يەئقۇب ئەلەيھىسسالام) نىڭ نەسلىدىندۇر، بىز (ئىمانغا) ھىدايەت قىلغان، (پەيغەمبەرلىككە) تاللىغانلاردىندۇر، ئۇلارغا مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئايەتلىرى تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا سەجدە قىلغان ۋە يىغلىغان ھالدا (زېمىنغا) يىقىلىدۇ[58].
ئۇلار كەتكەندىن كېيىن (ئۇلارنىڭ) ئورنىنى باسقان ئورۇنباسارلار نامازنى تەلەپكە لايىق ئادا قىلمىدى، نەپسى - خاھىشلىرىغا ئەگەشتى، ئۇلار (قىيامەتتە) گۇمراھلىقنىڭ جازاسىنى تارتىدۇ[59].
تەۋبە قىلغان، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ئەنە شۇلارلا جەننەتكە كىرىدۇ، ئۇلارنىڭ (ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن) ھېچ نەرسە كېمەيتىلمەيدۇ[60].
ئۇ دائىمىي تۇرالغۇ بولغان، مەرھەمەتلىك ئاللاھ بەندىلىرىگە ۋەدە قىلغان، ئۇلار كۆرمەي تۇرۇپ (ئىشەنگەن) جەننەتلەردۇر، ئاللاھنىڭ (جەننەت بىلەن قىلغان) ۋەدىسى چوقۇم ئىشقا ئاشىدۇ[61].
ئۇلار جەننەتتە بىھۇدە سۆز ئاڭلىمايدۇ، پەقەت (پەرىشتىلەرنىڭ ئۇلارغا بەرگەن) سالامىنىلا ئاڭلايدۇ، ئۇلار جەننەتتە ئەتىگەن ـ ئاخشامدا (كۆڭلى تارتقان يىمەك ـ ئىچمەكلەردىن) رىزىققا ئىگە بولۇپ تۇرىدۇ[62].
بەندىلىرىمىز ئىچىدىكى تەقۋادارلارغا بىز مىراس قىلىپ بېرىدىغان جەننەت ئەنە شۇ[63].
بىز (يەنى پەرىشتىلەر دۇنياغا) پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرى بىلەن چۈشىمىز، بىزنىڭ ئالدىمىزدىكى، ئارقىمىزدىكى ۋە ئالدى ـ كەينىمىز ئارىسىدىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ ئىلكىدىدۇر، پەرۋەردىگارىڭ (بەندىلىرىنىڭ ئەمەللىرىدىن ھېچ نەرسىنى) ئۇنتۇمايدۇ[64].
ئۇ ئاسمانلارنىڭ، زېمىن ۋە ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى شەيئىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلغىن، ئاللاھنىڭ ئىبادىتىگە چىداملىق بولغىن، سەن ئۇنىڭ شېرىكى بارلىقىنى بىلەمسەن؟[65].
ئىنسان (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشىگە ئېتىقاد قىلمايدىغان كاپىر): «مەن ئۆلگەندىن كېيىن چوقۇم تىرىلەمدىم؟» دەيدۇ[66].
ئىنسان بىز ئۇنى ئىلگىرى يوقتىن بار قىلغانلىقىمىزنى ئەسلىمەمدۇ؟[67].
پەرۋەردىگارىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلارنى ئەلۋەتتە (ئۇلارنى ئازدۇرغان) شەيتانلار بىلەن قوشۇپ يىغىمىز، ئاندىن ئۇلارنى جەھەننەمنىڭ چۆرىسىدە تىزلاندۇرۇپ ئولتۇرغۇزغان ھالدا ئەلۋەتتە ھازىر قىلىمىز[68].
ئاندىن ھەربىر گۇرۇھنىڭ ئىچىدىن مەرھەمەتلىك ئاللاھقا ئەڭ ئاسىي بولغانلىرىنى تارتىپ چىقىرىمىز[69].
ئاندىن بىز دوزاخ ئازابىغا ئەڭ لايىق بولغانلارنى ئەلۋەتتە ئوبدان بىلىمىز[70].
سىلەرنىڭ ئىچىڭلاردىن دوزاخقا بارمايدىغان بىرەر كىشىمۇ قالمايدۇ، بۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئۆزگەرمەس ھۆكمىدۇر[71].
ئاندىن تەقۋادارلارنى (جەھەننەمدىن) قۇتقۇزىمىز، زالىملارنى جەھەننەمدە تىزلىنىپ ئولتۇرغان ھالدا قويىمىز[72].
ئۇلارغا بىزنىڭ روشەن ئايەتلىرىمىز تىلاۋەت قىلىنغان چاغدا، كاپىرلار مۆمىنلەرگە: «ئىككى گۇرۇھتىن قايسىسىنىڭ ئورنى ياخشى، سورۇنى گۈزەل؟» دېدى[73].
بۇلاردىن بۇرۇن (بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان) نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار مەيلى مال ـ مۈلۈك جەھەتتىن بولسۇن، مەيلى تاشقى كۆرۈنۈش جەھەتتىن بولسۇن، بۇلاردىن ئارتۇق ئىدى[74].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «كىمكى گۇمراھلىقتا بولىدىكەن، مەرھەمەتلىك ئاللاھ ئۇنىڭغا مۆھلەت بېرىدۇ، تاكى ئۇلار ئازاب ۋە قىيامەتتىن ئىبارەت ئاللاھ ئۇلارغا ۋەدە قىلغان نەرسىلەرنى كۆرگەندە ئاندىن كىمنىڭ ئورنى يامان ۋە كىمنىڭ لەشكىرى ئاجىز ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ»[75].
ئاللاھ ھىدايەت تاپقۇچىلارنىڭ ھىدايىتىنى زىيادە قىلىدۇ، باقى قالىدىغان ياخشى ئەمەللەر ساۋاب جەھەتتىن ۋە ئاقىۋەت جەھەتتىن پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدا ئارتۇقتۇر[76].
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ماڭا (ئاخىرەتتە) ئەلۋەتتە مال ـ مۈلۈك، ئەۋلاد بېرىلىدۇ دېگەن ئادەمنى كۆردۈڭمۇ؟[77]
ئۇ غەيبنى بىلگەنمۇ ياكى مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىسىگە ئېرىشكەنمۇ؟[78]
ھەرگىز ئۇنداق بولغان ئەمەس، ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى خاتىرىلەپ قويىمىز، ئۇنىڭغا بېرىدىغان ئازابنى كۈچەيتىمىز[79].
ئۇنىڭ دېگەنلىرىنى (يەنى مېلىنى ۋە ئەۋلادىنى) باشقىلارغا مىراس قىلىپ قالدۇرىمىز، ئۇ ئالدىمىزغا تەنھا كېلىدۇ[80].
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) ئىززەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن (يەنى ئىلاھلىرىنىڭ شاپائىتى بىلەن ئاللاھنىڭ ئالدىدا ئىززەتلىك بولۇش ئۈچۈن)، ئاللاھنى قويۇپ ئىلاھلارغا چوقۇندى[81].
ئىش ئۇلارنىڭ گۇمان قىلغىنىدەك ئەمەس (يەنى ئىلاھلىرى ئۇلارنىڭ ئاللاھ ئالدىدا ئىززەت تېپىشلىرىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ)، (ئىلاھلار) ئۇلارنىڭ (يەنى مۇشرىكلارنىڭ) چوقۇنۇشىنى ئىنكار قىلىدۇ، ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار) نىڭ دۈشمىنىگە ئايلىنىدۇ[82].
بىزنىڭ شەيتانلارنى كاپىرلارغا ئەۋەتكەنلىكىمىزنى بىلمەمسەن؟ شەيتانلار ئۇلارنى (گۇناھلارغا) قىزىقتۇرىدۇ[83].
ئۇلارنىڭ ھالاك بولۇشىغا ئالدىراپ كەتمىگىن، (ئۇلارنىڭ كۈنى ئاز قالغان بولۇپ) ئۇنى بىز ساناپ تۇرىمىز[84].
شۇ كۈندە (يەنى قىيامەت كۈنىدە) تەقۋادارلارنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارنىڭ دەرگاھىغا ئىززەت ـ ئىكرام بىلەن يىغىمىز[85].
گۇناھكارلارنى ئۇلار چاڭقىغان ھالدا جەھەننەمگە ھەيدەيمىز[86].
مەرھەمەتلىك ئاللاھنىڭ ئەھدىگە ئېرىشكەنلەردىن باشقىلار شاپائەت قىلىشقا قادىر بولالمايدۇ[87].
ئۇلار: «ئاللاھنىڭ بالىسى بار» دېيىشتى[88].
سىلەر شەك ـ شۈبھىسىز قەبىھ بىر سۆزنى قىلدىڭلار[89].
بۇ سۆزنىڭ (يامانلىقىدىن) ئاسمانلار پارچىلىنىپ كەتكىلى، يەر يېرىلىپ كەتكىلى، تاغلار گۇمران بولۇپ كەتكىلى تاس قالدى[90].
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار ئاللاھنىڭ بالىسى بار دەپ دەۋا قىلدى[91].
بالىسى بولۇش ئاللاھقا لايىق ئەمەستۇر[92].
ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا ئاللاھقا بەندە بولۇپ بويسۇنمايدىغان ھېچ مەخلۇق يوقتۇر[93].
شەك ـ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ئۇلارنى تولۇق ئىگەللىدى ۋە سانىنى مۇكەممەل بىلدى[94].
قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا تەنھا كېلىدۇ[95].
ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار ئۈچۈن ئاللاھ ھەقىقەتەن (ئۇلارنىڭ دىللىرىدا) مۇھەببەت پەيدا قىلىدۇ[96].
(ئى مۇھەممەد!) تەقۋادارلارغا خۇشخەۋەر بېرىشىڭ ۋە سەركەش قەۋمنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن، بىز قۇرئاننى سېنىڭ تىلىڭ بىلەن چۈشىنىشلىك قىلىپ نازىل قىلدۇق[97].
ئۇلاردىن ئىلگىرى نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن بىرەر ئەھەدىنى كۆرەلەمسەن ياكى ئۇلاردىن بىرەر پەس ئاۋاز ئاڭلىيالامسەن؟ (يەنى ئۇلار شۇنداق تەلتۆكۈس ھالاك قىلىندىكى، ئۇلاردىن كۆرگىلى ۋە ئاۋازىنى ئاڭلىغىلى ھېچ ئەھەدى قالمىدى)[98].
Icon