ترجمة سورة الإنفطار

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation
ترجمة معاني سورة الإنفطار باللغة الأويغورية من كتاب Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation .

سۈرە ئىنفىتار


ئاسمان يېرىلغان چاغدا،

يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا،

دېڭىزلار بىر - بىرىگە قوشۇلغان چاغدا،

قەبرىلەر ئاستى - ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا،

ھەر ئادەم ئىلگىرى - كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ

ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟

ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى

سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى

ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى اﷲ نىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر

ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار

ئۇلار (اﷲ نىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ

ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ

مۆمىنلەر شەك - شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ،

كاپىرلار شەك - شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ

ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ

ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ

قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنىڭ) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟

ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىشى قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم اﷲ قا خاستۇر
Icon