ترجمة سورة الأنعام

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الأنعام باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ياراتقان، زۇلمەتلەرنى ۋە نۇرنى پەيدا قىلغان ئاللاھقا خاستۇر! ئاندىن (يەنى مۇشۇنداق دەلىللەرنى كۆرۈپ تۇرۇپ) كاپىرلار پەرۋەردىگارىغا باشقىلارنى شېرىك كەلتۈرىدۇ[1].
ئاللاھ سىلەرنى (يەنى سىلەرنىڭ ئاتاڭلار ئادەمنى) لايدىن ياراتتى، ئاندىن ئەجىلىڭلارنى بېكىتتى، (سىلەرنىڭ تىرىلىدىغان) ۋاقتىڭلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا مەلۇمدۇر، ئاندىن سىلەر ـ ئى كۇففارلار! (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىشكە) شەك كەلتۈرىسىلەر[2].
ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك) ئاللاھ ئەنە شۇدۇر، ئۇ سىلەرنىڭ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا ئىشىڭلارنى، (ياخشى ـ يامان) قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[3].
ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ[4].
پەرۋەردىگارىنىڭ ئايەتلىرىدىن بىرەر ئايەت كەلسىلا ئۇنىڭدىن باش تارتىدۇ[4]. ئۇلارغا (ئاللاھ تەرىپىدىن) ھەق كىتاب (يەنى قۇرئان) كېلىۋېدى، ئۇلار ئۇنىڭغا چىنپۈتمىدى، ئۇزاققا قالماي ئۇلارغا ئۆزلىرى مەسخىرە قىلغان نەرسىنىڭ خەۋەرلىرى كېلىدۇ [5].
ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن نۇرغۇن ئۈممەتلەرنى ھالاك قىلغانلىقىمىزنى ئۇلار كۆرمىدىمۇ؟ (يەنى ئۇنىڭدىن ئىبرەت ئالمىدىمۇ؟) ئۇلارنى زېمىندا سىلەرنى يەرلەشتۈرمىگەن بىر شەكىلدە يەرلەشتۈرگەن ئىدۇق، ئۇلارغا مول يامغۇرلار ياغدۇرۇپ بەرگەن ئىدۇق، ئۆستەڭلەرنى ئۇلارنىڭ ئاستىدىن ئېقىپ تۇرىدىغان قىلغان ئىدۇق، ئاندىن كېيىن ئۇلارنى قىلغان گۇناھلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلدۇق، ئۇلاردىن كېيىن باشقا خەلقنى پەيدا قىلدۇق[6].
(ئى مۇھەممەد!) بىز ساڭا (ئۇلار تەلەپ قىلغاندەك) قەغەزگە يېزىلغان بىر كىتابنى نازىل قىلغان، كاپىرلار ئۇنى قوللىرى بىلەن تۇتۇپ كۆرگەن تەقدىردىمۇ، ئۇلار شەكسىزكى، بۇ پەقەت روشەن سېھىردۇر، دەيتتى، چۈنكى ئۇلارنىڭ غەرىزى ئەڭ روشەن دەلىل كەلگەندىمۇ ئىمان ئېيتماسلىقتۇر[7].
ئۇلار: «ئۇنىڭغا (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىگە گۇۋاھ بولۇپ) نېمىشقا بىر پەرىشتە چۈشمىدى؟» دەيدۇ. ئەگەر ئۇنىڭغا بىرەر پەرىشتە چۈشۈرگەن بولساق، ئۇلارنىڭ ئىشى تۈگىگەن بولاتتى (يەنى بۇ چاغدا ھەقنى ئىنكار قىلسا، ھالاك قىلىناتتى)، ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيتتى[8].
بىز پەيغەمبەرنى پەرىشتىدىن قىلغان تەقدىردىمۇ، ئەلۋەتتە ئۇنى ئىنسان شەكلىدە قىلاتتۇق، ئۇلارنى يەنە شۈبھىگە چۈشۈرەتتۇق (يەنى ئۇلار پەرىشتىنى ئىنسان شەكلىدە كۆرگەندە: «بۇ ئىنسان، پەرىشتە ئەمەس» دەيتتى)[9].
سەندىن ئىلگىرى ئۆتكەن پەيغەمبەرلەر (مۇ كاپىرلار تەرىپىدىن) مەسخىرە قىلىندى، مەسخىرە قىلغۇچىلار مەسخىرە قىلغانلىقلىرىنىڭ ئاقىۋېتىنى كۆردى[10].
(ئى مۇھەممەد! بۇ مەسخىرە قىلغۇچىلارغا) ئېيتقىنكى، «زېمىندا سەير قىلىڭلار، ئاندىن پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغانلارنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ قانداق بولغانلىقىغا قاراپ بېقىڭلار»[11].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاسمانلاردىكى، زېمىندىكى مەۋجۇداتلار كىمنىڭ؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھنىڭ». ئاللاھ (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى ئۆز ئۈستىگە ئالدى، ھېچقانداق گۇمان بولمىغان قىيامەت كۈنى ئاللاھ سىلەرنى ئەلۋەتتە يىغىدۇ، (كۇفرىنى ئىختىيار قىلىشى بىلەن) ئۆزىگە ئۆزى زىيان سالغانلار ئىمان ئېيتمايدۇ[12].
كېچە ۋە كۈندۈزدە جىم تۇرغان (ياكى ھەرىكەتلىنىپ تۇرغان) شەيئىلەرنىڭ ھەممىسى ئاللاھنىڭ مۈلكىدۇر، ئاللاھ (بەندىلىرىنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئۇلارنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[13].
(ئى مۇھەممەد!) بۇ مۇشرىكلارغا ئېيتقىنكى، «ئاسمانلارنى، زېمىننى يوقتىن بار قىلغۇچى ئاللاھتىن غەيرىينى مەبۇد تۇتامدىم؟ ئاللاھ رىزىق بېرىدۇ، ئۆزى رىزىققا موھتاج ئەمەس». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مەن (بۇ ئۈممەت ئىچىدە خۇدانىڭ ئەمرىگە) بويسۇنغۇچىلارنىڭ ئەۋۋىلى بولۇشقا بۇيرۇلدۇم. (ماڭا دېيىلدىكى) سەن ھەرگىز مۇشرىكلاردىن بولمىغىن»[14].
(ئۇلارغا يەنە) ئېيتقىنكى، «ئەگەر مەن رەببىمگە ئاسىيلىق قىلسام (يەنى پەرۋەردىگارىمدىن غەيرىيگە ئىبادەت قىلسام)، بۈيۈك كۈننىڭ (يەنى قىيامەت كۈنىنىڭ) ئازابىدىن ئەلۋەتتە قورقىمەن»[15].
مۇشۇ كۈندە كىمكى ئازابتىن قۇتۇلىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا رەھمەت قىلغان بولىدۇ، ئەنە شۇ روشەن نىجات تاپقانلىقتۇر[16].
ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر كۈلپەت يەتكۈزسە، ئۇنى ئاللاھتىن باشقا ھېچكىم كۆتۈرىۋېتەلمەيدۇ. ئەگەر ئاللاھ ساڭا بىرەر ياخشىلىق يەتكۈزسە (ئۇ چاغدا ئۇنىڭغا ھېچكىم ئارىلىشالمايدۇ)، چۈنكى ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر[17].
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[18].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(مېنىڭ پەيغەمبەرلىكىمنىڭ راستلىقى ئۈچۈن) قايسى نەرسە ئەڭ چوڭ گۇۋاھ؟» ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا گۇۋاھتۇر (ماڭا ئاللاھنىڭ گۇۋاھلىقى كۇپايىدۇر). بۇ قۇرئان ماڭا سىلەرنى ۋە (قىيامەتكىچە) قۇرئان يەتكەن كىشىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇش ئۈچۈن ۋەھىي قىلىندى. (ئى مۇشرىكلار!) سىلەر ئاللاھ بىلەن باراۋەر باشقا ئىلاھ بار دەپ چوقۇم گۇۋاھلىق بېرەمسىلەر؟» (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن (مۇنداق دەپ) گۇۋاھلىق بەرمەيمەن». (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئۇ ھەقىقەتەن بىر ئىلاھتۇر، سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلاردىن مەن ھەقىقەتەن ئادا ـ جۇدامەن»[19].
كىتاب بەرگەن كىشىلەر (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) ئۇنى (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى) (تەۋرات ۋە ئىنجىلدىكى سۈپىتى بويىچە) خۇددى ئۆزلىرىنىڭ ئوغۇللىرىنى تونۇغاندەك تونۇيدۇ، ئۆزلىرىگە ئۆزلىرى زىيان سالغانلار (ئېنىق پاكىتلار تۇرسىمۇ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) ئىمان ئېيتمايدۇ[20].
ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغانلاردىنمۇ زالىم ئادەملەر بارمۇ؟ زالىملار ھەقىقەتەن مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ[21].
قىيامەت كۈنى ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى (ھېساب ئېلىش ئۈچۈن) يىغىمىز، ئاندىن شېرىك كەلتۈرگەنلەرگە: «ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ ئېتىقاد قىلغانلىرىڭلار قەيەردە؟» دەيمىز[22].
ئاندىن ئۇلار پەقەت ئۆزرە ئېيتىپ (دۇنيادىكى چاغلىرىدىكىگە ئوخشاش يالغانغا ئىلتىجا قىلىپ): «پەرۋەردىگارىمىز! ئاللاھ بىلەن قەسەم قىلىمىزكى، بىز مۇشرىك بولمىغان ئىدۇق» دەيدۇ[23].
ئۇلارنىڭ (بىز مۇشرىك بولمىغان دەپ) ئۆزلىرىگە قارشى قانداق يالغان سۆزلىگەنلىكىگە قارىغىن، ئۇلارنىڭ (ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ) بوھتان چاپلىغان نەرسىلىرى ئۇلاردىن قاچىدۇ[24].
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ ئىچىدە (قۇرئان ئوقۇغان چېغىڭدا، يامان غەرەزدە) ساڭا قۇلاق سالىدىغانلار بار، قۇرئاننى چۈشەنمەسلىكلىرى ئۈچۈن ئۇلارنىڭ دىللىرىنى پەردىلىدۇق، قۇلاقلىرىنى ئېغىر قىلدۇق. ئۇلار ھەممە مۆجىزىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتمايدۇ. ھەتتا كاپىرلار سېنىڭ يېنىڭغا مۇنازىرىلىشىپ كەلگەندىمۇ: «بۇ پەقەت بۇرۇنقىلاردىن قالغان ئەپسانىلاردۇر» دەيدۇ[25].
ئۇلار كىشىلەرنى قۇرئاندىن (ۋە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا ئەگىشىشىتىن) توسىدۇ، ئۆزلىرىمۇ ئۇنىڭدىن يىراق قاچىدۇ، ئۇلار پەقەت ئۆزلىرىنىلا ھالاك قىلىدۇ، ھالبۇكى ئۇلار (بۇنى) تۇيمايدۇ[26].
ئەگەر ئۇلارنى دوزاخ ئۈستىدە توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (دەھشەتلىك بىر ھالىنى كۆرەتتىڭ). ئۇلار: «كاشكى دۇنياغا قايتۇرۇلساق ئىدۇق، پەرۋەردىگارىمىزنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلمايتتۇق ۋە مۆمىنلەردىن بولاتتۇق» دەيدۇ[27].
ئۇنداق ئەمەس، ئۇلارنىڭ ئىلگىرى يوشۇرغان ئىشلىرى ئۇلارغا ئاشكارا بولدى، ئۇلار دۇنياغا قايتۇرۇلغان تەقدىردىمۇ مەنئى قىلىنغان ئىشلارنى ئەلۋەتتە يەنە قىلاتتى. شۈبھىسىزكى، ئۇلار (ئىمان ئېيتاتتۇق دېگەن ۋەدىسىدە) يالغانچىلاردۇر[28].
ئۇلار: «ھاياتلىق پەقەت مۇشۇ دۇنيادىكى ھاياتىمىزدۇر، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلدۈرۈلمەيمىز» دەيدۇ[29].
ئەگەر ئۇلارنى پەرۋەردىگارىنىڭ ئالدىدا توختىتىلغان چاغدا كۆرسەڭ (غايەت چوڭ ئىشنى كۆرۈسەن). ئاللاھ ئۇلارغا: «بۇ (ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش) راست ئەمەسمىكەن؟» دەيدۇ. ئۇلار: «پەرۋەردىگارىمىز بىلەن قەسەمكى، راست ئىكەن» دەيدۇ. ئاللاھ: «كاپىر بولغانلىقىڭلار ئۈچۈن ئازابنى تېتىڭلار» دەيدۇ[30].
ئاللاھقا مۇلاقات بولۇشنى (يەنى قايتا تىرىلىشنى) ئىنكار قىلغانلار ھەقىقەتەن زىيان تارتتى. قىيامەت تۇيۇقسىز كەلگەن چاغدا، ئۇلار: «ئۇ دۇنيادىكى بىپەرۋالىقىمىزغا ۋاي ئېست» دەيدۇ. گۇناھلىرىنى ئۈستىلىرىگە يۈكلىۋالىدۇ، ئۇلارنىڭ (گۇناھلارنى) يۈكلىگىنى نېمىدېگەن يامان![31].
دۇنيا تىرىكچىلىكى پەقەت ئويۇن، غەپلەتتىنلا ئىبارەت. تەقۋادارلىق قىلىدىغانلار ئۈچۈن ئەلۋەتتە ئۇ دۇنيا ياخشىدۇر، (بۇنى) چۈشەنمەمسىلەر؟[32].
ئۇلارنىڭ سۆزى سېنى قايغۇغا سالىدىغانلىقىنى بىز ئوبدان بىلىمىز، ئۇلار سېنى (ئىچىدە) ئىنكار قىلمايدۇ (لېكىن ئۇلار تەرسالىقتىن ئىنكار قىلىدۇ)، (ھەقىقەتتە) زالىملار ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلىدۇ[33].
سەندىن بۇرۇن ئۆتكەن پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىندى، ئۇلار ئىنكار قىلىنغانلىقىغا ۋە ئۆزلىرىگە يەتكەن ئەزىيەتلەرگە سەۋر قىلدى، ئاخىر ئۇلار بىزنىڭ ياردىمىمىزگە ئېرىشتى، ئاللاھنىڭ سۆزلىرىنى ھېچقانداق ئادەم ئۆزگەرتەلمەيدۇ، شۈبھىسىزكى، پەيغەمبەرلەرنىڭ قىسسەلىرى ساڭا نازىل بولدى[34].
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنىڭ (ئىسلامدىن) يۈز ئۆرۈگەنلىكى ساڭا ئېغىر كەلگەن بولسا، ئۇنداقتا يەر ئاستىغا كىرىشكە يول ياكى ئاسمانغا چىقىشقا شوتا تېپىپ بىر مۆجىزە كەلتۈرەلىسەڭ (كەلتۈرگىن)، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، ئەلۋەتتە ئۇلارنى ھىدايەتكە بىرلەشتۈرەتتى. سەن ھەرگىز (ئاللاھنىڭ ھېكمىتىنى) چۈشەنمەيدىغانلاردىن بولمىغىن[35].
(سۆزۈڭگە) ھەقىقىي قۇلاق سالىدىغانلار (سېنىڭ دەۋىتىڭنى) قوبۇل قىلىدۇ (سۆزۈڭگە قۇلاق سالمىغانلار ئۆلۈكلەرنىڭ ئورنىدا)، ئۆلۈكلەرنى ئاللاھ تىرىلدۈرىدۇ، ئاندىن ئۇلار ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ[36].
ئۇلار (يەنى مەككە كۇففارلىرى): «نېمىشقا مۇھەممەدكە پەرۋەردىگارىدىن بىر مۆجىزە چۈشۈرۈلمىدى؟» دەيدۇ، ئېيتقىنكى، «ئاللاھ مۆجىزە چۈشۈرۈشكە ھەقىقەتەن قادىر». لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (مۆجىزە نازىل بولۇپ ئىمان ئېيتمىسا بالاغا دۇچار بولىدىغانلىقىنى) بىلمەيدۇ[37].
مەيلى يەر يۈزىدە ماڭىدىغان ھايۋان بولسۇن، مەيلى ئىككى قانىتى بىلەن ئۇچىدىغان ئۇچار قۇش بولسۇن، ھەممىسى سىلەرگە ئوخشاش ئۈممەتلەردۇر (يەنى ئاللاھ تەرىپىدىن يارىتىلغان مەخلۇقلاردۇر). لەۋھۇلمەھپۇزدا ھېچ نەرسىنى چۈشۈرۈپ قويمىدۇق (يەنى ھەممىنى تولۇق پۈتتۇق)، كېيىن ئۇلار پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىدۇ (ئاللاھ ئۇلارنىڭ ئارىسىدا ھۆكۈم چىقىرىدۇ)[38].
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار گاسلاردۇر (يەنى قوبۇل قىلىش يۈزىسىدىن ئاڭلىمايدۇ)، گاچىلاردۇر (يەنى ھەقنى سۆزلىمەيدۇ). ئۇلار (كۇفرىنىڭ) قاراڭغۇلۇقى ئىچىدە قالغانلاردۇر، ئاللاھ خالىغان ئادەمنى (زالالەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئازدۇرىدۇ، خالىغان ئادەمنى (ھىدايەتنى ئىختىيار قىلغانلىقى ئۈچۈن) توغرا يولغا سالىدۇ[39].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئەگەر سىلەر راستچىل بولساڭلار ئېيتىپ بېقىڭلار، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ياكى قىيامەت كەلسە، ئاللاھتىن غەيرىيگە ئىلتىجا قىلامسىلەر؟[40].
ئۇنداق ئەمەس، سىلەر پەقەت ئاللاھقا ئىلتىجا قىلىسىلەر، ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەر ئاللاھنىڭ كۆتۈرۈۋېتىشىنى ئىلتىجا قىلغان بالانى ئاللاھ كۆتۈرۈۋېتىدۇ، سىلەر ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى قىلىۋالغىنىڭلارنى ئۇنتۇيسىلەر»[41].
شەك ـ شۈبھىسىزكى، سەندىن ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە (نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى) ئەۋەتتۇق (ئۇلار پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). ئۇلارنى (ئاللاھقا تەۋبە قىلىپ) يېلىنسۇن دەپ نامراتلىق ۋە ئاغرىق ـ سىلاق بىلەن جازالىدۇق[42].
ئۇلارغا بىزنىڭ ئازابىمىز چۈشكەن چاغدا نېمىشقا يېلىنمىدى؟ ئۇلارنىڭ دىللىرى قەساۋەتلەشتى (ئىمانغا يۇمشىمىدى)، شەيتان ئۇلارغا قىلمىشلىرىنى چىرايلىق كۆرسەتتى[43].
ئۇلار ئۆزلىرىگە قىلىنغان نەسىھەتنى ئۇنتۇغان چاغدا، ئۇلارغا (سىناش ئۈچۈن) پاراۋانلىقنىڭ ھەممە ئىشىكلىرىنى ئېچىۋەتتۇق، ئۇلار تاكى ئۆزلىرىگە بېرىلگەن نېمەتلەردىن (كۆرەڭلەپ) خۇشال ـ خۇرام تۇرغاندا (ئۇلارنى ئۇشتۇمتۇت جازالىدۇق)، ئۇلار ھەسرەتتە قالدى[44].
زۇلۇم قىلغان قەۋمنىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلدى (يەنى ئۇلار پۈتۈنلەي ھالاك قىلىندى). جىمى ھەمدۇسانا (پەيغەمبەرلىرىگە ياردەم بېرىپ، كۇففارلارنى ھالاك قىلغانلىقى ئۈچۈن) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھقا خاستۇر![45]
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر ئاللاھ سىلەرنىڭ قۇلىقىڭلارنى گاس، كۆزۈڭلارنى كور قىلىپ قويسا، دىللىرىڭلارنى پېچەتلىۋەتسە (يەنى سىلەرنى ھېچ نەرسىنى چۈشەنمەيدىغان قىلىپ قويسا)، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا يەنە قايسى ئىلاھ ئەسلىگە كەلتۈرەلەيدۇ؟» قارىغىنكى، بىز (قۇدرىتىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىدىغان) ئايەتلىرىمىزنى قانداق بايان قىلغانمىز، ئەمما ئۇلار (شۇ ئايەتلەردىن) يۈز ئۆرۈيدۇ (يەنى ئىمان ئېيتمايدۇ)[46].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ، ئەگەر سىلەرگە ئاللاھنىڭ ئازابى ئۇشتۇمتۇت ياكى ئاشكارا كەلسە، زالىم قەۋمدىن باشقا يەنە كىملەر ھالاك قىلىنىدۇ؟»[47]
بىز پەيغەمبەرلەرنى پەقەت (ساۋاب بىلەن) خۇش خەۋەر بەرگۈچى، (ئازابتىن) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتىمىز، ئىمان ئېيتقان ۋە (ئەمەللىرىنى) تۈزىگەن كىشىلەرگە قورقۇنچ يوقتۇر، ئۇلار غەم – ئەندىشە قىلمايدۇ [48].
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغانلار، (ئاللاھقا) ئىتائەتسىزلىكلىرى تۈپەيلىدىن، ئازابقا دۇچار بولىدۇ[49].
(ئى مۇھەممەد! سەندىن ئادەتتىن تاشقىرى ئىشلارنى تەلەپ قىلغۇچى كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرگە، مەندە ئاللاھنىڭ خەزىنىلىرى بار، دېمەيمەن. مەن غەيبنىمۇ بىلمەيمەن. سىلەرگە، مەن بولسام ھەقىقەتەن بىر پەرىشتە، دەپمۇ ئېيتمايمەن. مەن پەقەت ماڭا قىلىنغان ۋەھىيگىلا ئەمەل قىلىمەن». ئېيتقىنكى، «كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم باراۋەرمۇ؟ (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن باراۋەرمۇ؟) ئويلاپ باقمامسىلەر؟»[50]
پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىغا يىغىلىشتىن قورقىدىغانلارنىڭ (كۇفرىدىن، گۇناھتىن) ساقلىنىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى قۇرئان بىلەن ئاگاھلاندۇرغىن، ئۇلارغا ئاللاھتىن غەيرىي دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى يوقتۇر[51].
ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى دەپ ئەتىگەندە، ئاخشامدا پەرۋەردىگارىغا ئىبادەت قىلىدىغانلارنى (يېنىڭدىن) قوغلىۋەتمىگىن، ئۇلارنىڭ ھېسابىدىن ساڭا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئۈچۈن سەن جاۋابكارلىققا تارتىلمايسەن). سېنىڭ ھېسابىڭدىنمۇ ئۇلارغا ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ. ئۇلارنى قوغلىۋەتسەڭ، زالىملاردىن بولۇپ قالىسەن[52].
ئۇلارنىڭ: «ئاللاھ ئارىمىزدىن (ھىدايەت قىلىش بىلەن) ئىنئام قىلغان كىشىلەر مۇشۇلارمۇ؟» دېيىشلىرى ئۈچۈن، ئۇلارنى بىر ـ بىرى بىلەن مۇشۇنداق سىنىدۇق (يەنى پېقىر، ئاجىز كىشىلەرنى ئىمان ئېيتقۇزۇش بىلەن، باي، كاتتا كىشىلەرنى سىنىدۇق). ئاللاھ شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ ئەمەسمۇ؟ (يەنى شۈكۈر قىلغۇچىلارنى ئاللاھ ھىدايەت قىلىدۇ)[53].
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزگە ئىمان ئېيتقانلار يېنىڭغا كەلگەن چاغدا: «سىلەرگە ئامانلىق بولسۇن، پەرۋەردىگارىڭلار (بەندىلىرىگە) رەھمەت قىلىشنى (ئېھسان قىلىش يۈزىسىدىن) ئۆز ئۈستىگە ئالدى، سىلەردىن كىمكى بىلمەستىن بىرەر يامانلىق قىلىپ قويۇپ، ئاندىن كېيىن تەۋبە قىلسا ۋە (ئەمەلىنى) تۈزىسە، ئاللاھ ئەلۋەتتە ئۇنىڭغا مەغپىرەت قىلىدۇ ۋە رەھىم قىلىدۇ» دېگىن[54].
(بۇ سۈرىدە مۇشرىكلارنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسىتىدىغان دەلىللەرنى بايان قىلغىنىمىزدەك) گۇناھكارلارنىڭ يولى ئاشكارا بولسۇن ئۈچۈن، ئايەتلىرىمىزنى روشەن بايان قىلىمىز[55].
(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئاللاھنى قايرىپ قويۇپ ئىبادەت قىلغان بۇتلارغا ئىبادەت قىلىشتىن مەن ھەقىقەتەن مەنئى قىلىندىم». ئېيتقىنكى، «مەن سىلەرنىڭ نەپسى خاھىشىڭلارغا ئەگەشمەيمەن، بولمىسا مەن ئازغان بولىمەن ۋە ھىدايەت تاپقۇچىلاردىن بولالماي قالىمەن»[56].
ئېيتقىنكى، «ھەقىقەتەن مەن پەرۋەردىگارىم تەرىپىدىن نازىل بولغان روشەن دەلىلگە (يەنى قۇرئانغا) ئاساسلىنىمەن، ھالبۇكى، سىلەر ئۇنى ئىنكار قىلدىڭلار، سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ ئىگىدارچىلىقىمدا ئەمەس. بارچە ھۆكۈم ئاللاھقا خاس، ئاللاھ ھەق ھۆكۈم قىلىدۇ، ئاللاھ ھۆكۈم قىلغۇچىلارنىڭ ياخشىسىدۇر»[57].
ئېيتقىنكى، «سىلەر بالدۇر يۈز بېرىشىنى تەلەپ قىلغان ئازاب مېنىڭ قولۇمدىن كەلسە ئىدى، ئۇ چاغدا مەن بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى ئىش چوقۇم ھۆكۈم قىلىنىپ بولغان بولاتتى (يەنى سىلەردىن ئارام تېپىش ئۈچۈن، سىلەرنى ھالاك قىلغان بولاتتىم)». ئاللاھ زالىملارنى ئوبدان بىلىدۇ[58].
غەيبنىڭ ئاچقۇچلىرى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىدۇر، ئۇنى پەقەتلا ئاللاھ بىلىدۇ. قۇرۇقلۇقتىكى، دېڭىزدىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئاللاھ بىلىدۇ، (دەرەختىن) تۆكۈلگەن ياپراقتىن ئاللاھ بىلمەيدىغان بىرەرسىمۇ يوق. مەيلى قاراڭغۇ يەر ئاستىدىكى بىرەر دانە ئۇرۇق بولسۇن، مەيلى ھۆل ياكى قۇرۇق نەرسىلەر بولسۇن، ھەممىسى (ئاللاھقا مەلۇم بولۇپ) لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىقلىقتۇر[59].
ئاللاھ سىلەرنى كېچىسى ئۇخلىتىدۇ، كۈندۈزدىكى قىلغان ئىشلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاندىن بەلگىلەنگەن مۇددەتكىچە ياشىشىڭلار ئۈچۈن، كۈندۈزدە سىلەرنى ئويغىتىدۇ، ئاندىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، ئاندىن قىلغان ئەمەللىرىڭلارنى ئاللاھ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[60].
ئاللاھ بەندىلىرىنىڭ ئۈستىدە قاھىردۇر (يەنى ئاللاھ بەندىلىرىنى تىزگىنلەپ تۇرغۇچىدۇر)، ئۇ سىلەرگە ساقلىغۇچى پەرىشتىلەرنى (يەنى قىلغان ـ ئەتكەننى خاتىرىلەپ تۇرىدىغان پەرىشتىلەرنى) ئەۋەتىدۇ، بىرىڭلارغا ئۆلۈم كەلسە، ئۇنى بىزنىڭ پەرىشتىلىرىمىز قەبزى روھ قىلىدۇ. ئۇلار (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى ئورۇنلاشتا) بىپەرۋالىق قىلمايدۇ[61].
ئاندىن ئۇلار (يەنى بەندىلەر) ھەق ھۆكۈم قىلغۇچى، ئىگىسى ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ (قىيامەت كۈنى) ھۆكۈم قىلىش يالغۇز ئاللاھقىلا خاستۇر، ئاللاھ ئەڭ تېز ھېساب ئالغۇچىدۇر[62].
(ئى مۇھەممەد! بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، «قۇرۇقلۇقنىڭ ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرى (يەنى بالايىئاپەتلىرى) دىن سىلەرنى كىم قۇتقۇزىدۇ؟ (بۇ قاراڭغۇلۇقلارنى كۆرگەن چېغىڭلاردا) ئەگەر ئاللاھ بىزنى بۇنىڭدىن قۇتقۇزسا چوقۇم شۈكۈر قىلغۇچىلاردىن بولىمىز، دەپ ئاللاھقا ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن ئىلتىجا قىلىسىلەر»[63].
ئېيتقىنكى، «(يالغۇز) ئاللاھ سىلەرنى ئۇ زۇلمەتلەردىن ۋە بارلىق غەمدىن قۇتقۇزىدۇ، ئاندىن سىلەر (بۇنى) تونۇغىنىڭلاردىن كېيىن، ئىمان ئېيتماي ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىسىلەر»[64].
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن (نۇھ ۋە لۇت ئەلەيھىسسالاملارنىڭ قەۋمىگە، ئەسھابۇلپىلگە ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ياكى ئايىغىڭلار ئاستىدىن (پىرئەۋن ۋە قارۇنلارغا ئەۋەتىلگەن ئازابقا ئوخشاش) ئازاب ئەۋەتىشكە، ياكى سىلەرنى پىرقىلەر قىلىپ، ئارىلاشتۇرۇپ (يەنى ئۇرۇشقا سېلىپ) بىرىڭلارغا بىرىڭلارنىڭ ئازابىنى تېتىتىشقا قادىردۇر». ئۇلارنى چۈشەنسۇن دەپ، ئايەتلىرىمىزنى تۈرلۈك شەكىللەردە قانداق بايان قىلىدىغانلىقىمىزغا قارىغىن[65].
قۇرئان ھەق تۇرسا، ئۇنى قەۋمىڭ ئىنكار قىلدى. «مەن سىلەرگە ھامىي ئەمەس» دېگىن[66].
(ئاللاھ تەرىپىدىن) ئالدىنئالا بېرىلگەن ھەر بىر خەۋەرنىڭ مەيدانغا كېلىدىغان ۋاقتى بار، ئۇزاققا قالماي بىلىسىلەر[67].
بىزنىڭ ئايەتلىرىمىز توغرىسىدا (تەنە ۋە مەسخىرە قىلىپ) پاراڭ سېلىشىۋاتقان كىشىلەرنى كۆرگىنىڭدە، ئۇلار بۇنىڭدىن باشقا پاراڭغا چۈشمىگۈچە ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن. ئۇلار بىلەن بىللە ئولتۇرماسلىقنى شەيتان ساڭا ئۇنتۇلدۇرغان بولسا، ئېسىڭگە كەلگەندىن كېيىن، زالىم قەۋم بىلەن بىللە ئولتۇرمىغىن[68].
تەقۋادارلارغا (قۇرئاننى مەسخىرە قىلغۇچى) كاپىرلارنىڭ ھېسابىدىن ھېچ نەرسە يۈكلەنمەيدۇ، لېكىن تەقۋادارلار ئۇلارغا ۋەز ـ نەسىھەت قىلىشلىرى كېرەك. (شۇنداق قىلغاندا) ئۇلار (قۇرئاننى مەسخىرە قىلىشتىن) ساقلىنىشلىرى مۇمكىن[69].
دىننى ئويۇن ـ كۈلكە قىلىۋالغان، دۇنيا تىرىكچىلىكىگە ئالدانغانلارنى تەرك ئەت. ھەر قانداق ئادەمنىڭ ئۆز قىلمىشى تۈپەيلى ھالاك بولۇشتىن ساقلىنىشى ئۈچۈن، (كىشىلەرگە) قۇرئان بىلەن نەسىھەت قىلغىن، ئۇنىڭغا ئاللاھتىن باشقا دوست ۋە شاپائەت قىلغۇچى بولمايدۇ، ئۇ ھەر قانداق فىدىيە (تۆلەم) بەرسىمۇ قوبۇل قىلىنمايدۇ. ئەنە شۇلار قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك بولىدىغانلاردۇر، ئۇلار كۇفرى تۈپەيلىدىن (ئۈچەيلىرىنى ئۆرتىۋېتىدىغان) قايناقسۇدىن بولغان شارابقا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[70].
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، بىز ئاللاھنى قويۇپ، بىزگە پايدا ـ زىيان يەتكۈزەلمەيدىغان نەرسىلەرگە ئىبادەت قىلامدۇق؟ بىزنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغاندىن كېيىن، ئارقىمىزغا چېكىنەمدۇق؟ (يەنى مۇرتەد بولامدۇق؟) (مۇبادا بىز شۇنداق قىلىدىغان بولساق، مۇنداق) بىر ئادەمگە: شەيتانلار ئۇنى بىر چۆلگە باشلاپ بارغان، (چۆلدە ئۇ) تېڭىرقاپ قالغان، دوستلىرى ئۇنى بېرى كەل دەپ توغرا يولغا چاقىرىۋاتقان (ئۇ چاقىرىقنى قوبۇل قىلماي ئاخىر ھالاك بولغان ئادەمگە) ئوخشاپ قالىمىز. (بۇ كۇففارلارغا) ئېيتقىنكى، ئاللاھنىڭ ھىدايىتى ھەقىقەتەن ھەقىقىي ھىدايەتتۇر. بىز ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىغا بويسۇنۇشقا بۇيرۇلدۇق[71].
ناماز ئوقۇشقا ۋە ئاللاھتىن قورقۇشقا بۇيرۇلدۇق. (قىيامەت كۈنى) ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا (ھېساب ئۈچۈن) يىغىلىسىلەر[72].
ئاللاھ ئاسمانلارنى، زېمىننى ھېكمەت بىلەن ياراتتى. ئاللاھ (بىرەر شەيئىگە) «ۋۇجۇدقا كەل» دېسە (دەرھال) ۋۇجۇدقا كېلىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) ئازابتىن قورقۇڭلار. ئاللاھنىڭ سۆزى ھەقتۇر. سۇر چېلىنىدىغان كۈندىكى (يەنى قىيامەت كۈنىدىكى) پادىشاھلىق ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا نەرسىلەرنى بىلگۈچىدۇر، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىنىڭ ئەھۋالىدىن) خەۋەرداردۇر[73].
ئۆز ۋاقتىدا، ئىبراھىم ئۆز ئاتىسى ئازەرگە: «(سەن ئۆزۈڭنى ياراتقان ئاللاھنى قويۇپ) بۇتلارنى مەبۇد قىلىۋالامسەن؟ مەن سېنى ۋە قەۋمىڭنى ھەقىقەتەن ئېنىق گۇمراھلىقتا كۆرۈمەن» دېدى[74].
ئىبراھىمنىڭ (تەۋھىد بارىسىدا) قەتئىي ئىشەنگۈچىلەردىن بولۇشى ئۈچۈن، (ئۇنىڭغا ئاتىسى بىلەن قەۋمنىڭ گۇمراھلىقىنى كۆرسەتكىنىمىزدەك) بىز ئىبراھىمغا ئاسمانلارنىڭ، زېمىننىڭ ئاجايىپلىرىنى كۆرسەتتۇق[75].
ئىبراھىم كېچىنىڭ قاراڭغۇلۇقى باسقاندا بىر يۇلتۇزنى كۆرۈپ (قەۋمىنىڭ سۆزىنى دەلىل كەلتۈرۈپ، ئۇلارنى مات قىلىش ئۈچۈن): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. يۇلتۇز پېتىپ كېتىۋىدى، «مەن پېتىپ كەتكۈچىلەرنى (يەنى يۇلتۇزلارغا ئىبادەت قىلىشنى) ياقتۇرمايمەن» دېدى[76].
ئۇ ئاينىڭ تۇغقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر» دېدى. ئاي پېتىپ كېتىۋىدى، «ئەگەر پەرۋەردىگارىم مېنى ھىدايەت قىلمىغان بولسا، مەن چوقۇم ئازغۇچى قەۋمنىڭ قاتارىدا بولىدىكەنمەن» دېدى[77].
ئۇ قۇياشنىڭ چىقىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ (يۇقىرىقى ئۇسۇل بويىچە): «بۇ مېنىڭ پەرۋەردىگارىمدۇر، بۇ ھەممىدىن (يەنى يۇلتۇز بىلەن ئايدىن) چوڭدۇر» دېدى. قۇياش پېتىپ كېتىۋىدى، ئۇ ئېيتتىكى: «ئى قەۋمىم! مەن ھەقىقەتەن سىلەر شېرىك كەلتۈرگەن مەبۇدلاردىن ئادا ـ جۇدامەن[78].
مەن ھەقىقەتەن، باتىل دىنلاردىن ھەق دىنغا بۇرۇلۇپ، ئاسمانلارنى، زېمىننى ياراتقان زاتقا يۈزلەندىم، مەن مۇشرىكلاردىن ئەمەسمەن»[79].
ئىبراھىمنىڭ قەۋمى ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرىلەشتى، ئىبراھىم ئېيتتىكى، «مېنى ئاللاھ ھىدايەت قىلغان تۇرسا، مەن بىلەن ئاللاھ (نىڭ مەۋجۇتلۇقى ۋە بىرلىكى) توغرۇلۇق مۇنازىرىلىشەمسىلەر؟ مەن سىلەرنىڭ ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن قورقمايمەن، پەقەت پەرۋەردىگارىمنىڭلا خالىغان نەرسىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىمنىڭ بىلىمى ھەممە نەرسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، (مەبۇدلىرىڭلارنىڭ ماڭا ھېچبىر زىيان يەتكۈزەلمەيدىغانلىقىنى) ئويلىمامسىلەر؟[80]
ئاللاھنىڭ شېرىكى بولۇش ھەققىدە ئاللاھ سىلەرگە ھېچقانداق دەلىل چۈشۈرمىگەن بۇتلارنى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشتىن قورقمايۋاتساڭلار، سىلەرنىڭ شېرىك كەلتۈرگەن بۇتلىرىڭلاردىن مەن قانداقمۇ قورقاتتىم! ئەگەر سىلەر بىلسەڭلار (ئېيتىڭلارچۇ)، بىز بۇ ئىككى گۇرۇھ ئادەمدىن زادى قايسىمىز قورقماسلىققا ئەڭ تېگىشلىك؟»[81].
ئازابتىن ئەمىن بولۇش ئىمان ئېيتقان، ئىمانىغا شېرىك ئارىلاشتۇرمىغان ئادەملەرگە مەنسۇپتۇر، ئۇلار ھىدايەت تاپقۇچىلاردۇر[82].
ئۆز قەۋمىگە رەددىيە بېرىش ئۈچۈن ئىبراھىمغا بەرگەن دەلىلىمىز ئەنە شۇدۇر، خالىغان كىشىمىزنى بىر قانچە دەرىجە كۆتۈرىمىز، پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[83].
بىز ئىبراھىمغا ئىسھاقنى، يەئقۇبنى ئاتا قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنى ھىدايەت قىلدۇق. (ئىبراھىمدىن) ئىلگىرى نۇھنى ھىدايەت قىلدۇق. ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادىدىن داۋۇد، سۇلايمان، ئەييۇب، يۇسۇف، مۇسا، ھارۇنلارنى ھىدايەت قىلدۇق، ياخشى ئىش قىلغۇچىلارنى مۇشۇنداق مۇكاپاتلايمىز[84].
زەكەرىيا، يەھيا، ئىيسا ۋە ئىلياسلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنىڭ ھەممىسى ياخشىلاردىندۇر[85].
ئىسمائىل، ئىليەسە، يۇنۇس ۋە لۇتلارنى ھىدايەت قىلدۇق. ئۇلارنى (ئۆز زامانىدىكى) تامامى جاھان ئەھلىدىن ئۈستۈن قىلدۇق[86].
ئۇلارنىڭ ئاتا ـ بوۋىلىرىدىن، ئەۋلادلىرىدىن، قېرىنداشلىرىدىن بەزىلىرىنى ھىدايەت قىلدۇق، ئۇلارنى تاللىدۇق، ئۇلارنى توغرا يولغا يېتەكلىدۇق[87].
ئاللاھنىڭ توغرا يولى ئەنە شۇدۇر، ئاللاھ بەندىلىرىدىن خالىغان كىشىلەرنى شۇ يولغا باشلايدۇ. ئەگەر ئۇلار (يەنى شۇ پەيغەمبەرلەر) شېرىك كەلتۈرسە ئىدى، ئۇلارنىڭ قىلغان ياخشى ئەمەللىرى، ئەلۋەتتە بىكار بولۇپ كېتەتتى[88].
ئۇلارغا كىتابنى، ھېكمەتنى ۋە پەيغەمبەرلىكنى ئاتا قىلدۇق، ئەگەر بۇ مۇشرىكلار ئۇلارنى (يەنى كىتاب، ھېكمەت ۋە پەيغەمبەرلىكنى) ئىنكار قىلسا، ئىنكار قىلمايدىغان باشقا بىر قەۋمگە ئۇلارنى تاپشۇرىمىز[89].
ئەنە شۇلار (يەنى مەزكۇر پەيغەمبەرلەر) ئاللاھ ھىدايەت قىلغان كىشىلەردۇر، ئۇلارنىڭ يولىغا ئەگەشكىن. (ئى مۇھەممەد! قەۋمىڭگە) ئېيتقىنكى، «قۇرئاننى تەبلىغ قىلغانلىقىمغا سىلەردىن ھېچقانداق ھەق تەلەپ قىلمايمەن، قۇرئان پەقەت پۈتۈن جاھان ئەھلى ئۈچۈن ۋەز ـ نەسىھەتتۇر»[90].
ئۇلار ئاللاھنى ھەقىقىي رەۋىشتە تونۇمىدى. ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) ئۆز ۋاقتىدا: «ئاللاھ ھېچ كىشىگە ھېچ نەرسە نازىل قىلمىدى» دېدى (يەنى ۋەھىينى ۋە پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى). (ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مۇسا ئېلىپ كەلگەن ۋە كىشىلەرگە نۇر، ھىدايەت بولغان كىتابنى كىم نازىل قىلدى؟ ئۇ كىتابنى پارچە ـ پارچە قەغەزلەرگە كۆچۈرۈپ، بىر قىسمىنى ئاشكارىلاپ، كۆپ قىسمىنى يوشۇرىسىلەر. (ئى يەھۇدىيلار!) سىلەرگە ئۆزۈڭلار ۋە ئاتا ـ بوۋاڭلار بىلمىگەن نەرسىلەر بىلدۈرۈلدى». (ئى مۇھەممەد! بۇ قۇرئاننى ۋە مۇسا ئېلىپ كەلگەن كىتابنى) «ئاللاھ نازىل قىلدى» دېگىن. ئاندىن، ئۇلارنى تەرك ئەتكىنكى، ئۇلار باتىللىرىدا (يەنى قالايمىقان سۆزلىرىدە) ئويناپ يۈرسۇن[91].
بۇ (قۇرئان) مەككە ئاھالىسىنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكىلەرنى ئاگاھلاندۇرۇشۇڭ ئۈچۈن بىز نازىل قىلغان، ئۇنىڭدىن ئىلگىرى نازىل قىلىنغان (تەۋرات ۋە ئىنجىلغا ئوخشاش) كىتابلارنى ئېتىراپ قىلغۇچى مۇبارەك كىتابتۇر. ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتىدىغانلار ئۇنىڭغا ئىمان ئېيتىدۇ، ئۇلار نامازلىرىنى ئۆز ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىدۇ[92].
ئاللاھقا يالغان چاپلىغان ياكى ئۆزىگە ھېچ نەرسە ۋەھىي قىلىنمىغان تۇرۇقلۇق، ماڭا ۋەھىي قىلىندى دېگەن ياكى ئاللاھ نازىل قىلغاندەك مەنمۇ كىتاب نازىل قىلالايمەن دېگەن كىشىلەردىنمۇ زالىم كىشىلەر بارمۇ؟ (ئى مۇھەممەد!) زالىملارنى سەكراتقا چۈشكەن ۋاقىتلىرىدا كۆرسەڭ (ئەلۋەتتە، قورقۇنچلۇق ھالىنى كۆرۈسەن). پەرىشتىلەر (يەنى ئازاب پەرىشتىلىرى) قوللىرىنى سوزۇپ: «سىلەر جانلىرىڭلارنى چىقىرىڭلار! سىلەر ئاللاھ توغرىسىدا ھەقسىز سۆزلەرنى قىلغانلىقىڭلار (يەنى ئىپتىرا قىلغانلىقىڭلار، شېرىك كەلتۈرگەنلىكىڭلار، بالا نىسبەت بەرگەنلىكىڭلار) ۋە ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى مەنسىتمىگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، بۈگۈن خورلىغۇچى ئازاب بىلەن جازالىنىسىلەر» دەيدۇ[93].
بىز دەسلەپتە سىلەرنى قانداق خەلق ئەتكەن بولساق دەرگاھىمىزغا شۇنداق تەنھا كەلدىڭلار، سىلەرگە بىز ئاتا قىلغان نەرسىلەرنى ئارقاڭلاردا (يەنى دۇنيادا) قويۇپ كەلدىڭلار، (ئىبادەت قىلىنىشقا تېگىشلىك بولۇشتا) ئاللاھنىڭ شېرىكلىرى دەپ گۇمان قىلغان شاپائەتچىڭلارنى سىلەر بىلەن بىللە كۆرمەيمىزغۇ؟ ئۇلار بىلەن سىلەرنىڭ ئاراڭلاردىكى مۇناسىۋەت ھەقىقەتەن ئۈزۈلدى، سىلەر (شاپائەت قىلىدۇ) دەپ گۇمان قىلغان نەرسىلەر بەربات بولدى[94].
دانلارنى ۋە ئۇرۇقچىلارنى بىخ ئۇرغۇزغۇچى ھەقىقەتەن ئاللاھتۇر. تىرىكنى ئۆلۈكتىن ۋە ئۆلۈكنى تىرىكتىن چىقارغۇچى ئەنە شۇ ئاللاھتۇر، (ئاللاھقا ئىبادەت قىلىشتىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟[95].
ئاللاھ سۈبھىنى (قاراڭغۇدىن) يېرىپ چىقارغۇچىدۇر (يەنى تاڭنى يورۇتقۇچىدۇر)، ئاللاھ كېچىنى (سىلەر ئۈچۈن) ئىستىراھەت قىلىپ ياراتتى. (سىلەرنىڭ) ۋاقىت ھېسابلىشىڭلار ئۈچۈن قۇياش بىلەن ئاينى ياراتتى[96].
قۇرۇقلۇق ۋە دېڭىزنىڭ قاراڭغۇلۇقلىرىدا (يەنى كېچىلىك يول يۈرگىنىڭلاردا) يول تېپىشىڭلار ئۈچۈن ئاللاھ سىلەرگە يۇلتۇزلارنى يارىتىپ بەردى. (ئاللاھنىڭ ئۇلۇغلۇقىنى) بىلىدىغان قەۋم ئۈچۈن، (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنىڭ) دەلىللىرىنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[97].
ئاللاھ سىلەرنى بىر ئىنساندىن (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالامدىن) ياراتتى، سىلەرنى ئاتاڭلارنىڭ پۇشتىدا، ئاناڭلارنىڭ بەچچىدانىدا قارارلاشتۇردى، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى ھەقىقەتەن ئوچۇق بايان قىلدۇق[98].
ئاسماندىن سۇنى چۈشۈرگەن زات ئاللاھتۇر. بىز ئۇنىڭ بىلەن بارلىق ئۆسۈملۈكلەرنى ئۈندۈردۇق. ئۆسۈملۈكلەردىن يېشىل ياپراقلارنى چىقاردۇق. (ئۇنىڭدىن بوغداي ۋە ئارپا باشاقلىرىغا ئوخشاش) بىر ـ بىرىگە مىنگىشىپ كەتكەن دانلارنى يېتىشتۈرىمىز. ، خورما دەرىخىنىڭ چېچەكلىرىدىن يەرگە يېقىن ساڭگىلاپ تۇرىدىغان خورما ساپاقلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. ، (يامغۇر سۈيى بىلەن) ئۈزۈملۈك باغلارنى يېتىشتۈرىمىز. ، (يامغۇر سۈيى بىلەن) شەكىلدە، ھەجىمدە، تەمدە بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان ۋە ئوخشىمايدىغان زەيتۇن، ئانار دەرەخلىرىنى يېتىشتۈرىمىز. (ئۇلارنىڭ ھەر بىرىنىڭ) يېڭى تۇتقان مېۋىسىگە ۋە پىشقان مېۋىسىگە قاراڭلار، ئۇلاردا ئاللاھنىڭ بارلىقىغا ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ئوچۇق دەلىللەر بار[99].
جىنلارنى ئاللاھ ياراتقان تۇرسا، (مۇشرىكلار) جىنلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىۋېلىشتى. ئاللاھقا جاھالەتتىن ئوغۇل، قىز پەرزەنتلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىشتى. ئاللاھ (مۇشرىكلار ئىپتىرا قىلغان نەرسىلەردىن) پاكتۇر، ئۇلارنىڭ سۈپەتلىگەنلىرىدىن ئۈستۈندۇر [100].
ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە يەرنى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچىدۇر، ئاللاھنىڭ خوتۇنى يوق تۇرسا، قانداقمۇ بالىسى بولسۇن؟ ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ياراتقان، ھەممە نەرسىنى ئاللاھ ئوبدان بىلگۈچىدۇر[101].
ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، ئاللاھتىن بۆلەك ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، ئۇ ھەممە نەرسىنى ياراتقۇچىدۇر، ئۇنىڭغا ئىبادەت قىلىڭلار، ئۇ ھەر نەرسىگە ھامىيدۇر[102].
كۆزلەر ئاللاھنى كۆرمەيدۇ، ئاللاھ كۆزلەرنى كۆرۈپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر، ھەممىدىن خەۋەرداردۇر[103].
(ئى پەيغەمبەر، ئېيتقىنكى) سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن (ھىدايەتنى ئازغۇنلۇقتىن ئايرىپ كۆرسىتىدىغان) دەلىللەر كەلدى، كىمكى ھەقنى كۆرۈپ ئىمان ئېيتسا ئۆزىگە پايدا، كىمكى ئۇنىڭدىن كۆز يۇمسا (يەنى باش تارتسا) ئۆزىگە زىيان. مەن سىلەرگە (ئەمەلىڭلارنى كۆزىتىپ تۇرىدىغان) كۆزەتچى ئەمەسمەن (پەقەت سىلەرنى ئاگاھلاندۇرغۇچى پەيغەمبەرمەن)[104].
ئۇلار (يەنى مۇشرىكلار): (ئى مۇھەممەد!) سەن (قۇرئاننى باشقىلاردىن) ئۆگىنىپسەن دېسۇن يەنە ئۇنى (يەنى قۇرئاننى) ھەقنى بىلىدىغان قەۋمگە بايان قىلايلى دەپئايەتلەرنى مۇشۇنداق شەكىللەردە بايان قىلدۇق[105].
(ئى مۇھەممەد!) ساڭا پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن ۋەھىي قىلىنغان قۇرئانغا ئەمەل قىلغىن؛ ئاللاھتىن باشقا مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، مۇشرىكلار بىلەن تەڭ بولمىغىن[106].
ئەگەر ئاللاھ (ئۇلارنىڭ ھىدايەت تېپىشنى) خالىسا، ئۇلار شېرىك كەلتۈرمەيتتى. سېنى ئۇلارغا كۆزەتچى قىلغىنىمىز يوق، سەن ئۇلارغا ھامىيمۇ ئەمەسسەن[107].
ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرىدىغانلارنىڭ خۇدانى قويۇپ ئىبادەت قىلىدىغان مەبۇدلىرىنى تىللىماڭلار، (ئۇنداق قىلساڭلار) ئۇلار بىلمىگەنلىكلىرىدىن ھەددىدىن ئېشىپ ئاللاھنى تىللايدۇ. شۇنىڭدەك بىز ھەر ئۈممەتكە ئۆزلىرىنىڭ ئەمەلىنى چىرايلىق كۆرسەتتۇق، ئاندىن ئۇلارنىڭ قايتىپ بارىدىغان جايى ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر، ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۇلارغا ئېيتىپ بېرىدۇ (يەنى ياخشىغا مۇكاپات بېرىدۇ، ياماننى جازالايدۇ)[108].
ئەگەر ئۇلارغا بىرەر مۆجىزە كەلسە، ئۇنىڭغا چوقۇم ئىشىنىدىغانلىقلىرىنى (بىلدۈرۈپ) ئاللاھنىڭ نامى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشىدۇ. (ئى مۇھەممەد!) مۆجىزىلەر (مېنىڭ ئەمەس)، ئاللاھنىڭ دەرگاھىدىكى ئىش، دېگىن. (ئى مۆمىنلەر!) سىلەر نېمىنى بىلىسىلەر؟ مۆجىزىلەر كەلسە، ئۇلار، ئېھتىمال ئۇنىڭغا ئىشەنمەسلىكلىرى مۇمكىن[109].
ئۇلارنىڭ دىللىرىنى، كۆزلىرىنى ھەق (نى چۈشىنىش ۋە كۆرۈش) تىن بۇرىۋېتىمىز، ئۇلار دەسلەپتە مۆجىزىلەرگە ئىشەنمىگىنىدەك (يەنە ئىشەنمەيدۇ)، ئۇلارنى گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشكە قويۇۋېتىمىز[110].
ئۇلارغا (يەنى كۇففارلارغا) پەرىشتىلەرنى چۈشۈرگەن، ئۆلۈكلەرنى ئۇلار بىلەن سۆزلەشتۈرگەن، بىز ھەممە نەرسىنى ئۇلارنىڭ ئالدىغا يىغىپ بەرگەن (يەنى ئۇلارنىڭ يۇقىرىقى تەلەپلىرىنى ئورۇنلىغان) تەقدىردىمۇ، ئاللاھ خالىمىغىچە ئۇلار ئىمان ئېيتمايدۇ، لېكىن ئۇلارنىڭ تولىسى (بۇنى) ئۇقمايدۇ[111].
شۇنىڭدەك (يەنى بۇ مۇشرىكلارنى ساڭا دۈشمەن قىلغاندەك) ئىنسانلار ۋە جىنلارنىڭ شەيتانلىرىنى ھەر بىر پەيغەمبەرگە دۈشمەن قىلدۇق، ئۇلار ئالداش ئۈچۈن شېرىن سۆزلەر بىلەن بىر ـ بىرىگە ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر پەرۋەردىگارىڭ خالىسا، ئۇلار بۇ ئىشنى (يەنى پەيغەمبەرلەرگە دۈشمەنلىكنى) قىلمايتتى، ئۇلارنى ئۆزلىرى تۈزگەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى بىلەن قويۇپ بەرگىن (ئاللاھ ساڭا ئۇلارغا قارشى ياردەم بېرىدۇ)[112].
ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلارنىڭ دىللىرى ئۇلارنىڭ شېرىن سۆزلىرىگە مايىل بولسۇن، ئۇنىڭدىن خۇرسەن بولسۇن ۋە ئۇلار قىلىۋاتقان گۇناھلارنى بۇلارمۇ قىلسۇن، دەپ ۋەسۋەسە قىلىدۇ[113].
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ سىلەرگە روشەن كىتاب نازىل قىلغان تۇرسا، (ئارىمىزدىكى ئىختىلاپنى ھەل قىلىش ئۈچۈن) ئاللاھتىن غەيرىي ھۆكۈم قىلغۇچىنى تەلەپ قىلامدىم؟» بىز كىتاب ئاتا قىلغانلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارنىڭ ئۆلىمالىرى) ئۇنىڭ (يەنى قۇرئاننىڭ) پەرۋەردىگارىڭ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغان ھەق كىتاب ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ، سەن ھەرگىزمۇ شەك قىلغۇچىلاردىن بولمىغىن[114].
پەرۋەردىگارىڭنىڭ سۆزى ناھايىتى راستتۇر، ناھايىتى توغرىدۇر، ئۇنىڭ سۆزىنى ئۆزگەرتەلەيدىغان ھېچ كىشى يوقتۇر. ئاللاھ (بەندىلەرنىڭ سۆزلىرىنى) ئاڭلاپ تۇرغۇچىدۇر، (ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[115].
ئەگەر سەن يەر يۈزىدىكى كۆپچىلىك كىشىلەر (يەنى كۇففارلار) گە ئىتائەت قىلساڭ، ئۇلار سېنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئازدۇرىدۇ، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئەگىشىدۇ، ئۇلار پەقەت يالغاننىلا سۆزلەيدۇ[116].
(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغانلارنى ھەقىقەتەن ئوبدان بىلىدۇ، توغرا يول تاپقانلارنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ[117].
ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىگە ئىمان كەلتۈرگۈچى بولساڭلار، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يەڭلار[118].
زۆرۈرىيەت بولمىغىچە يېيىش ھارام قىلىنغان نەرسىلەرنى ئاللاھ سىلەرگە ئوچۇق بايان قىلغان تۇرسا، ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى نېمىشقا يېمەيسىلەر؟ نۇرغۇن كىشىلەر نەپسى خاھىشىغا ئەگىشىپ، بىلمەستىن، (باشقىلارنى) ھەقىقەتەن ئازدۇرىدۇ، شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ (شەرئى دەلىلسىز ھالال، ھارام دەپ) ھەددىدىن ئاشقۇچىلارنى ئوبدان بىلىدۇ[119].
ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن گۇناھلارنى تەرك ئېتىڭلار، شۈبھىسىزكى، گۇناھ قىلغۇچىلار ئۆز قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن (ئاخىرەتتە) جازاغا تارتىلىدۇ[120].
(ئى مۆمىنلەر!) ئاللاھنىڭ ئىسمى ئېيتىلماي بوغۇزلانغان ھايۋانلارنى يېمەڭلار، ئۇنى يېيىش ئەلۋەتتە گۇناھتۇر. شۈبھىسىزكى، شەيتانلار ئۆز دوستلىرىنى (يەنى مۇشرىكلارنى) سىلەر بىلەن دەتالاش قىلىشقا ۋەسۋەسە قىلىدۇ، ئەگەر ئۇلارغا ئىتائەت قىلساڭلار، سىلەر چوقۇم مۇشرىك بولۇپ قالىسىلەر[121].
ئەسلىدە ئۆلۈك (يەنى كاپىر) بولۇپ، بىز ئۇنى (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمان بىلەن) تىرىلدۈرگەن، بىز ئۇنىڭغا كىشىلەر ئارىسىدا ھىدايەت تېپىشقا نۇر بەرگەن بىر ئادەم زۇلمەتتە (يەنى كۇفرىنىڭ قاراڭغۇلۇقىدا) قالغان ۋە ئۇنىڭدىن قۇتۇلالمىغان بىر ئادەم بىلەن ئوخشاشمۇ؟ كاپىرلارغا ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى ئەنە شۇنداق چىرايلىق كۆرسىتىلدى[122].
ھىيلە ـ مىكىر ئىشلىتىشلىرى ئۈچۈن (مەككىدە قۇرەيشنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلغىنىمىزدەك)، ھەر بىر شەھەرنىڭ چوڭلىرىنى باش گۇناھكار قىلدۇق، ئۇلارنىڭ ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلىرى ئۆزلىرىگە يانىدۇ (يەنى ئۇلار شۇ ھىيلە ـ مىكىرلەرنىڭ ۋابالىغا قالىدۇ)، ئۇلار (بۇنى) سەزمەيدۇ[123].
ئۇلارغا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ راست پەيغەمبەرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) بىرەر مۆجىزە كەلگەن چاغدا، (ئۇلار) بىزگىمۇ پەيغەمبەرلەرگە بېرىلگەن مۆجىزە بېرىلمىگۈچە (ئۇنىڭغا) ھەرگىز ئىشەنمەيمىز، دەيدۇ. ئاللاھ پەيغەمبەرلىك ۋەزىپىسىنى قەيەرگە ئورنىتىشنى (يەنى كىمنىڭ ئۇنىڭ ئەھلى بولىدىغانلىقىنى) ئوبدان بىلىدۇ، (بۇ) گۇناھكارلار ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ھىيلە ـ مىكىرلەر تۈپەيلىدىن ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا خورلۇققا ۋە قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ[124].
ئاللاھ كىمنى ھىدايەت قىلماقچى بولسا، ئۇنىڭ كۆكسىنى ئىسلام ئۈچۈن ئاچىدۇ (يەنى ئۇنىڭ قەلبىنى ئىمانغا كېڭەيتىپ بېرىدۇ)، ئاللاھ كىمنى ئازدۇرماقچى بولسا، ئۇ گويا ئاسمانغا چىقىۋاتقاندەك ئۇنىڭ كۆكسىنى تارايتىۋېتىدۇ. (ئىمان ئېيتىش) ئۇنىڭغا گويا ئاسمانغا چىقىشتىنمۇ قىيىن تۇيۇلىدۇ، ئىمان ئېيتمىغانلارنى ئاللاھ مۇشۇنداق ئازابلايدۇ[125].
بۇ (يەنى ئىسلام دىنى) پەرۋەردىگارىڭنىڭ توغرا يولىدۇر، ئىبرەت ئالىدىغان قەۋم ئۈچۈن ئايەتلەرنى مۇشۇنداق تەپسىلىي بايان قىلدۇق[126].
پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا ئۇلارغا دارۇسسالام (يەنى جەننەت) بار، ئۇلارنىڭ قىلغان (ياخشى) ئەمەللىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارغا مەدەتكاردۇر[127].
ئاللاھ (ئىنسانلارنى، جىنلارنى ھېساب ئۈچۈن) تولۇق يىغىدىغان كۈننى ئەسلىگىن، (بۇ كۈندە ئاللاھ ئېيتىدۇكى) «ئى جىنلار جامائەسى!سىلەر نۇرغۇن ئادەملەرنى ئازدۇردۇڭلار». ئۇلارنىڭ ئىنسانلاردىن بولغان دوستلىرى: «ئى پەرۋەردىگارىمىز! بىز بىر ـ بىرىمىزدىن پايدىلاندۇق، بىز ئەمدى سەن بەلگىلىگەن ۋاقىتقا (يەنى قىيامەت كۈنىگە) يەتتۇق» دەيدۇ، ئاللاھ: «دوزاخ سىلەرنىڭ جايىڭلاردۇر، سىلەر ئاللاھنىڭ خاھىشىغا باغلىق ھالدا ئۇ يەردە مەڭگۈ قالىسىلەر» دەيدۇ. شۈبھىسىزكى، سېنىڭ پەرۋەردىگارىڭ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[128].
شۇنىڭغا (يەنى ئىنسانلار بىلەن جىنلارنى ئۆزئارا پايدىلاندۇرغىنىمىزغا) ئوخشاش، قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن زالىملارنىڭ بەزىسىنى بەزىسىگە سېلىپ قويىمىز[129].
ئاللاھ ئېيتىدۇكى، «ئى جىنلار ۋە ئىنسانلار جامائەسى! سىلەرگە ئۆز ئىچىڭلاردىن مېنىڭ ئايەتلىرىمنى بايان قىلىپ بېرىدىغان، بۇ كۈنۈڭلاردىكى ئۇچرىشىشتىن سىلەرنى ئاگاھلاندۇرىدىغان پەيغەمبەرلەر كەلمىدىمۇ؟» ئۇلار: «گۇناھلىرىمىزنى ئېتىراپ قىلدۇق» دەيدۇ. ئۇلارنى دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالدىغان. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ھەقىقەتەن كاپىر بولغانلىقلىرىنى ئېتىراپ قىلىدۇ[130].
بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، پەرۋەردىگارىڭ شەھەرلەرنىڭ ئاھالىسىنى (ئۇلارغا پەيغەمبەرلەر ئەۋەتىپ ئاگاھلاندۇرماستىن) غەپلەتتىكى ۋاقىتلىرىدا زۇلۇم قىلغانلىقلىرى تۈپەيلىدىن ھالاك قىلغىنى يوق[131].
(ئاخىرەتتە) ھەر ئادەمنىڭ قىلغان ئەمەلىگە يارىشا دەرىجىسى بولىدۇ، پەرۋەردىگارىڭ ئۇلارنىڭ قىلغان ئىشلىرىدىن غاپىل ئەمەس[132].
پەرۋەردىگارىڭ (خالايىقتىن ۋە ئۇلارنىڭ ئىبادەتلىرىدىن) بىھاجەتتۇر، رەھمەت ئىگىسىدۇر. ئەگەر ئۇ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ، سىلەرنى باشقا بىر قەۋمنىڭ ئەۋلادىدىن پەيدا قىلغاندەك، سىلەرنىڭ ئورنۇڭلارغا ئۆزى خالىغان (ئىتائەتمەن) باشقا بىر قەۋمنى قويىدۇ[133].
سىلەرگە ۋەدە قىلىنغان (قىيامەت، ئۆلگەندىن كېيىن تىرىلىش قاتارلىق) ئىشلار چوقۇم مەيدانغا كېلىدۇ، سىلەر قېچىپ قۇتۇلالمايسىلەر[134].
(ئى مۇھەممەد! ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «ئى قەۋمىم! سىلەر كۈچۈڭلارنىڭ يېتىشىچە ئىشلەڭلار (يەنى كۇفرىڭلاردا چىڭ تۇرۇڭلار)، مەنمۇ چوقۇم كۈچۈمنىڭ يېتىشىچە ئىشلەيمەن (يەنى مەنمۇ ئۆز دەۋىتىمدە چىڭ تۇرىمەن). ئاخىرەتتە كىمنىڭ ئاقىۋېتى ياخشى بولىدىغانلىقىنى ئۇزۇنغا قالماي بىلىسىلەر، زالىملار ئەلۋەتتە مەقسىتىگە ئېرىشەلمەيدۇ»[135].
مۇشرىكلار ئاللاھ ياراتقان ئېكىنلەردىن ۋە چاھارپايلاردىن (يەنى تۆگە، كالا، قويلاردىن) ئاللاھ ئۈچۈن بىر ھەسسە (بۇتلىرى ئۈچۈن بىر ھەسسە) ئايرىپ قويۇپ، ئۆز گۇمانلىرىچە (ھېچقانداق دەلىلسىزلا): «بۇ ئاللاھ ئۈچۈندۇر، بۇ مەبۇدلىرىمىز ئۈچۈندۇر» دېدى. بۇتلىرىنىڭ نېسىۋېسىدىن ئاللاھنىڭكىگە قوشۇشقا بولمايتتى، ئاللاھنىڭ نېسىۋېسىدىن بۇتلىرىنىڭكىگە قوشۇشقا بولاتتى (مۇشرىكلار ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىدىن بۇتلارغا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسى ئىچىدە قالدۇراتتى ۋە ئاللاھ باي، بۇنىڭغا موھتاج ئەمەس، دەيتتى. بۇتلىرىغا ئاتىغان ھەسسىسىدىن ئاللاھقا ئاتىغان ھەسسىسىگە بىرەر نەرسە قوشۇلۇپ قالسا، ئۇنى بۇتلىرىنىڭ ھەسسىسىگە قايتۇرۇۋېتەتتى). ئۇلارنىڭ قارارى نېمىدېگەن قەبىھ![136].
مۇشرىكلارنىڭ شېرىكلىرى (يەنى شەيتانلار) مۇشرىكلارنى ھالاك قىلىش ۋە ئۇلارنىڭ دىنىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش ئۈچۈن، ئۇلارنىڭ نۇرغۇنلىرىغا بالىلىرىنى ئۆلتۈرۈشنى، شۇنىڭدەك (يەنى ئاللاھقا ۋە بۇتلارغا ھەسسە ئايرىپ قويۇشتەك تەقسىماتنى شەيتانلارغا ۋە مۇشرىكلارغا چىرايلىق كۆرسەتكەندەك) چىرايلىق كۆرسەتتى. ئەگەر ئاللاھ خالىغان بولسا ئىدى، ئۇلار بۇ (قەبىھ) ئىشنى قىلمايتتى، ئۇلارنى ئاللاھقا چاپلىغان يالغانلىرى بىلەن بىللە تەرك ئەت[137].
ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ گۇمانىچە: «بۇ ھايۋانلار ۋە ئېكىنلەر (مەبۇدلىرىمىزغا خاس بولۇپ، باشقىلارغا) ھارامدۇر، ئۇلارنى پەقەت بىز خالىغان ئادەملەرلا يەيدۇ، بۇ ھايۋانلارنى مىنىش ھارامدۇر، بۇ ھايۋانلارنى بوغۇزلىغاندا ئاللاھنىڭ ئىسمىنى ئېيتىشقا بولمايدۇ» دېدى. ئۇلار ئاللاھقا يالغان چاپلىدى، ئاللاھ ئۇلارنى يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن جازالايدۇ[138].
ئۇلار: «بۇ ھايۋانلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالىلىرى بىزنىڭ ئەر كىشىلىرىمىزگە خاستۇر، بىزنىڭ خوتۇن كىشىلىرىمىزگە ھارامدۇر» دېدى. ئەگەر تۇغۇلغان ھايۋان ئۆلۈك بولسا، بۇ ئەر كىشىلەر بىلەن خوتۇن كىشىلەر ئارىسىدا ئورتاقتۇر (يەنى ئۇنى ھەممەيلەن تەڭ يەيدۇ) دەپ (ھالال ـ ھارامنى تەيىنلەشتى). ئاللاھقا يالغان چاپلىغانلىقلىرى ئۈچۈن ئاللاھ ئۇلارنى جازالايدۇ. شۈبھىسىزكى، ئاللاھ ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[139].
ھاماقەتلىك ۋە نادانلىقلىرىدىن بالىلىرىنى ئۆلتۈرگەن ۋە ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتىپ، ئاللاھ رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەرنى ھارام بىلگەن كىشىلەر ھەقىقەتەن زىيان تارتتى، ئۇلار ھەقىقەتەن (توغرا يولدىن) ئاداشتى، ھىدايەت تاپمىدى[140].
ئاللاھ بىدىشلىك ۋە بىدىشسىز باغلارنى بەرپا قىلدى، مېۋىلىرى، دانلىرى (رەڭگى، تەمى، ھەجمى ۋە پۇرىقى) بىر ـ بىرىگە ئوخشىمايدىغان خورما دەرەخلىرىنى، زىرائەتلەرنى، (رەڭگى ۋە شەكلى) بىر ـ بىرىگە ئوخشايدىغان، (تەمى) ئوخشىمايدىغان زەيتۇن ۋە ئانارنى ياراتتى. مېۋىسى پىشقاندا، ئۇلاردىن يەڭلار، مېۋە (نىڭ ھوسۇلى) نى يىغقان كۈندە (يەنى يىغقان ۋاقىتتا)، ئۇنىڭ ھەققىنى ئادا قىلىڭلار، ئىسراپ قىلماڭلار، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئىسراپ قىلغۇچىلارنى ياقتۇرمايدۇ[141].
ئاللاھ چاھارپايلارنى (يەنى تۆگە، كالا، قويلارنى)، يۈك كۆتۈرىدىغانلارنى، بوغۇزلىنىدىغانلارنى ياراتتى. ئاللاھ سىلەرگە رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن يەڭلار، شەيتاننىڭ ئارقىسىغا كىرمەڭلار، شەيتان سىلەرگە ھەقىقەتەن ئوچۇق دۈشمەندۇر[142].
(ئاللاھ سىلەرگە يېيىش ھالال قىلىنغان) سەككىز خىل چاھارپاينى ياراتتى: قويدىن ئىككى (قوچقار ۋە ساغلىق)، ئۆچكىدىن ئىككى (تېكە ۋە ئۇرغاچى). (ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ (قوي بىلەن ئۆچكىدىن) ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى قوزا بىلەن ئوغلاقنىمۇ؟ ئەگەر (سىلەر ئاللاھ بۇلارنى بىزگە ھارام قىلدى دېگەن سۆزۈڭلاردا) راستچىل بولساڭلار، قېنى ماڭا بىلىپ ئېيتىپ بېرىڭلار!»[143].
(ئاللاھ سىلەرگە) تۆگىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى)، كالىدىن ئىككىنى (يەنى ئەركەك بىلەن چىشىنى) ياراتتى. (مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ئىككى ئەركەكنى ھارام قىلدىمۇ؟ ياكى ئىككى چىشىنىمۇ ۋە ياكى ئىككى چىشىنىڭ قورسىقىدىكى بوتىلاق بىلەن موزاينىمۇ ؟ ياكى ئاللاھ بۇنى سىلەرگە تەۋسىيە قىلغان چاغدا سىلەر ھازىرمىدىڭلار؟ كىشىلەرنى ئازدۇرۇش ئۈچۈن، بىلمەي تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغان ئېيتقان ئادەمدىنمۇ زالىم كىشى بارمۇ؟ شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»[144].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، ساڭا ۋەھىي قىلىنغان ئەھكاملار ئىچىدە، ئۆزى ئۆلۈپ قالغان نەرسە ياكى ئېقىپ چىققان قان ۋە ياكى چوشقا گۆشى ـ چوشقا نىجىس يېمەكلىكلەرگە ئادەتلەنگەنلىكى ئۈچۈن چوشقا گۆشى پاسكىنىدۇر ـ ۋە ئاللاھتىن غەيرىينىڭ ئىسمى ئېيتىلىپ بوغۇزلانغان گۇناھقا سەۋەب بولغان مالدىن باشقىسىنى ھەر قانداق ئادەم ئۈچۈن ھارام كۆرمەيمەن. كىمكى ئۇلاردىن (يۇقىرىقى ھارام قىلىنغان نەرسىلەردىن) نائىلاج ۋە بىئىختىيار ھالدا ھاياتىنى ساقلاپ قالغۇدەك يېسە (ھېچ گۇناھ بولمايدۇ)، چۈنكى پەرۋەردىگارىڭ مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (بەندىلىرىگە) مېھرىباندۇر[145].
يەھۇدىيلارغا توم تۇياقلىق (يەنى تۆگە، تۆگىقۇشقا ئوخشاش ئاچا تۇياقلىق بولماي توم تۇياقلىق بولغان) ھايۋانلارنىڭ ھەممىسىنى ھارام قىلدۇق، ئۇلارغا كالا، قويلارنىڭ دۈمبىسىدىكى ياكى ئۈچەيلىرىدىكى ياكى سۆڭىكىگە چاپلىشىقلىق ياغلىرىدىن باشقا ياغلىرىنى ھارام قىلدۇق، بۇ ئۇلارنىڭ (پەيغەمبەرلەرنى ئۆلتۈرۈش، جازانە قىلىش، كىشىلەرنىڭ مال ـ مۈلكىنى ناھەق يەۋېلىش قاتارلىق) زۇلۇملىرى تۈپەيلىدىن، ئۇلارغا بەرگەن جازايىمىزدۇر. بىز ئەلۋەتتە (بەرگەن خەۋەرلىرىمىزدە) راستچىلمىز[146].
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار) سېنى ئىنكار قىلسا، سەن: «پەرۋەردىگارىڭلار (قىلمىشىڭلار ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىراپ جازالىمىغانلىقتىن) كەڭ رەھمەت ئىگىسىدۇر، (ئاللاھنىڭ رەھمىتىگە مەغرۇر بولماڭلاركى) ئاللاھنىڭ ئازابى گۇناھكار قەۋمدىن قايتۇرۇلمايدۇ» دېگىن[147].
مۇشرىكلار: «ئەگەر ئاللاھ خالىسا ئىدى، بىز ۋە ئاتا ـ بوۋىلىرىمىز شېرىك كەلتۈرمەيتتۇق ۋە ھېچ نەرسىنى ھارام قىلمايتتۇق» دەيدۇ. ئۇلاردىن بۇرۇنقى كىشىلەر تاكى (بىزنىڭ ئازابىمىز نازىل بولۇپ) ئازابىمىزنى تېتىغانغا قەدەر (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) مۇشۇنداق (يەنى مۇشرىكلار سېنى ئىنكار قىلغاندەك) ئىنكار قىلغان ئىدى. (ئۇلارغا) ئېيتقىنكى، «(سۆزۈڭلارنىڭ راستلىقىغا) پاكىتىڭلار بولسا، بىزگە چىقىرىپ كۆرسىتىڭلار، سىلەر پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىسىلەر، ئاللاھقا پەقەت يالغاننى چاپلايسىلەر»[148].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «(سىلەرنىڭ پاكىتىڭلار بولمىسا) ئاللاھنىڭ ئېنىق پاكىتى بار، ئەگەر ئۇ خالىسا ھەممىڭلارنى، ئەلۋەتتە، ھىدايەت قىلاتتى»[149].
(ئى مۇھەممەد!ئۇلارغا )«ئاللاھ بۇنى ھارام قىلدى، دەپ گۇۋاھلىق بېرىدىغان گۇۋاھچىلىرىڭلارنى چاقىرىپ كېلىڭلار»دېگىن، ئەگەر ئۇلار(ھازىر بولۇپ يالغاندىن)بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزنى ئىنكار قىلغان ۋە ئاخىرەتكە ئىشەنمەيدىغانلارنىڭ نەپسى خاھىشلىرىغائەگەشمىگىن، ئۇلار پەرۋەردىگارىڭغا شېرىك كەلتۈرىدۇ. 150-ئايەت.
ئېيتقىنكى، «سىلەر كېلىپ (ئاڭلاڭلار)، ئاللاھ ھارام قىلغان نەرسىلەرنى سىلەرگە ئوقۇپ بېرەي: سىلەر ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەڭلار، ئاتا ـ ئاناڭلارغا ياخشىلىق قىلىڭلار، نامراتلىقتىن قورقۇپ بالاڭلارنى ئۆلتۈرمەڭلار، بىز ئۇلارغا ۋە سىلەرگە رىزىق بېرىمىز، ئاشكارا ۋە يوشۇرۇن يامان ئىشلارغا يېقىن كەلمەڭلار، ئاللاھنىڭ ئەمرىگە خىلاپلىق قىلىپ (ناھەق) ئادەم ئۆلتۈرمەڭلار، ھەقلىق رەۋىشتە ئۆلتۈرۈش بۇنىڭدىن مۇستەسنا. سىلەرنىڭ چۈشىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ[151].
يېتىمنىڭ مېلىنى تاكى ئۇ (قۇرامىغا يېتىپ) ئەقلى يېتىلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا ئەڭ پايدىلىق ئۇسۇلدا تەسەررۇپ قىلىڭلار، ئۆلچەمنى ۋە تارازىنى توغرا قىلىڭلار، ھېچقانداق ئادەمنى كۈچى يەتمەيدىغان ئىشقا تەكلىپ قىلمايمىز. سۆز قىلغان (ھۆكۈم چىقارغان ياكى گۇۋاھلىق بەرگەن) چېغىڭلاردا ئادىل بولۇڭلار، (ھۆكۈم چىقىرىلغان ياكى گۇۋاھلىق بېرىلگەن ئادەم) تۇققىنىڭلار بولغان تەقدىردىمۇ، ئاللاھقا بېرىلگەن ئەھدىگە ۋاپا قىلىڭلار. ئىبرەت ئېلىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ»[152].
بۇ مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر، شۇ يولدا مېڭىڭلار، (ناتوغرا) يوللاردا ماڭماڭلار. ئۇلار سىلەرنى ئاللاھنىڭ يولىدىن ئايرىۋېتىدۇ. (ئاللاھنىڭ ئەمرىنى تۇتۇپ دوزاختىن) ساقلىنىشىڭلار ئۈچۈن، ئاللاھ سىلەرگە بۇ ئىشلارنى تەۋسىيە قىلىدۇ[153].
ئاندىن ئۇلار (يەنى ئىسرائىل ئەۋلادى) ئۆز پەرۋەردىگارىغا مۇلاقات بولىدىغانلىقىغا ئىشەنسۇن دەپ، ياخشىلىق قىلغان ئادەمگە بېرىدىغان نېمىتىمىزنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنىڭ دىنىي ئىشلىرىدا ئېھتىياجلىق بولغان) ھەر بىر نەرسىنى تەپسىلىي بايان قىلىش، (ئىسرائىل ئەۋلادىنى) ھىدايەت قىلىش ۋە (ئۇلارغا) رەھمەت قىلىش يۈزىسىدىن، مۇساغا كىتاب (يەنى تەۋرات) ئاتا قىلدۇق[154].
بۇ بىز نازىل قىلغان (قۇرئان) مۇبارەك كىتابتۇر، ئاللاھنىڭ رەھمىتىنى ئۈمىد قىلغۇچىلاردىن بولۇش ئۈچۈن ئۇنىڭغا ئەگىشىڭلار، (ئۇنىڭغا مۇخالىپەتچىلىك قىلىشتىن) ساقلىنىڭلار[155].
(مېنىڭ قۇرئان نازىل قىلىشىم) سىلەرنىڭ، پەقەت بىزدىن ئىلگىرىكى ئىككى تائىپىگىلا (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغىلا) كىتاب نازىل قىلىنغان، ئۇلارنىڭ ئوقۇغان كىتابلىرىدىن بىزنىڭ زادىلا خەۋىرىمىز يوق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر[156].
ياكى سىلەرنىڭ، ئەگەر بىزگە كىتاب نازىل قىلىنغان بولسا، بىز ئەلۋەتتە ئۇلاردىن ئارتۇق ھىدايەت تاپقان بولاتتۇق، دېمەسلىكىڭلار ئۈچۈندۇر. سىلەرگە پەرۋەردىگارىڭلار تەرىپىدىن ھەقىقەتەن پاكىت، ھىدايەت ۋە رەھمەت نازىل بولدى. ئاللاھنىڭ ئايەتلىرىنى ئىنكار قىلغان ۋە ئۇلاردىن يۈز ئۆرۈگەن كىشىدىنمۇ زالىم ئادەم بارمۇ؟ بىزنىڭ ئايەتلىرىمىزدىن يۈز ئۆرۈگەنلەرنى ئۇلارنىڭ يۈز ئۆرۈگەنلىكلىرى ئۈچۈن قاتتىق ئازاب بىلەن جازالايمىز[157].
ئۇلار پەقەت (ئۆلۈم) پەرىشتىلىرىنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ياكى پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇياشنىڭ مەغرىبتىن چىقىشىدىن ئىبارەت) بەزى ئالامەتلىرىنىڭ كېلىشىنىلا كۈتىدۇ. پەرۋەردىگارىڭنىڭ بەزى ئالامەتلىرى كەلگەن كۈندە ئىلگىرى ئىمان ئېيتمىغانلارنىڭ ياكى ئىمان ئېيتىپ ياخشى ئىش قىلمىغانلارنىڭ ئېيتقان ئىمانى پايدىسىز بولىدۇ. «(سىلەر ئۆزۈڭلارغا كېلىدىغان ئىشلارنى) كۈتۈڭلار، بىزمۇ ئەلۋەتتە كۈتىمىز» دېگىن[158].
دىنىدا بۆلگۈنچىلىك قىلىپ تۈرلۈك پىرقىلەرگە ئايرىلغانلاردىن سەن ئادا ـ جۇداسەن؛ ئۇلارنىڭ ئىشى پەقەت ئاللاھقىلا خاستۇر (يەنى ئاللاھنىڭ باشقۇرۇشىدىدۇر)، كېيىن (يەنى ئاخىرەتتە) ئاللاھ ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى ئۆزلىرىگە ئېيتىپ بېرىدۇ[159].
بىرەر ياخشىلىق قىلغان ئادەم ئون ھەسسە ئارتۇق ساۋابقا ئىگە بولىدۇ، بىرەر يامانلىق قىلغان ئادەمگە پەقەت ئۇنىڭ يامانلىقىغا باراۋەرلا جازا بېرىلىدۇ، ئۇلارغا زۇلۇم قىلىنمايدۇ[160].
(ئى مۇھەممەد! بۇ مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «پەرۋەردىگارىم مېنى توغرا يولغا يەنى توغرا دىنغا، باتىل دىنلاردىن توغرا دىنغا بۇرالغان ئىبراھىمنىڭ دىنىغا باشلىدى، ئىبراھىم مۇشرىكلاردىن ئەمەس ئىدى»[161].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «مېنىڭ نامىزىم، قۇربانلىقىم، ھاياتىم ۋە ماماتىم (دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقلىرىم ۋە تائەت ـ ئىبادەتلىرىم) ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ ئۈچۈندۇر[162].
ئاللاھنىڭ شېرىكى يوقتۇر، مەن مۇشۇنىڭغا (يەنى يالغۇز ئاللاھقىلا خالىس ئىبادەت قىلىشقا) بۇيرۇلدۇم، مەن مۇسۇلمانلارنىڭ ئەۋۋىلىمەن»[163].
(ئى مۇھەممەد!) ئېيتقىنكى، «ئاللاھ ھەممە نەرسىنىڭ پەرۋەردىگارى تۇرسا، ئۇنىڭدىن باشقا پەرۋەردىگار تەلەپ قىلامدىمەن؟» ھەر ئادەم ئۆزى قىلغان گۇناھقا ئۆزى جاۋابكار، بىر گۇناھكار ئادەم باشقا ئادەمنىڭ گۇناھىغا جاۋابكار ئەمەس (يەنى بىر ئادەمنىڭ گۇناھى بىلەن باشقا بىر ئادەم جازاغا تارتىلمايدۇ). كېيىن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ دەرگاھىغا قايتىسىلەر، سىلەر دەتالاش قىلىشقان ھەق بىلەن ناھەقنى ئۇ سىلەرگە ئېيتىپ بېرىدۇ[164].
ئاللاھ سىلەرنى (ئۆتكەنكى ئۈممەتلەرنىڭ) ئورۇنباسارلىرى قىلدى. ئاللاھ سىلەرنى بەرگەن نېمەتلىرى بىلەن سىناش ئۈچۈن بەزىڭلارنى بەزىڭلاردىن بىر قانچە دەرىجە يۇقىرى قىلدى. پەرۋەردىگارىڭ (ئاسىيلىق قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە تېز جازالىغۇچىدۇر، (ئىتائەت قىلغۇچىلارنى) ئەلۋەتتە مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، (ئۇلارغا) ناھايىتى مېھرىباندۇر[165].
Icon