ترجمة سورة البروج

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation
ترجمة معاني سورة البروج باللغة الأويغورية من كتاب Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation .

سۈرە بۇرۇج


بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى

بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى

بۇرۇجلارنىڭ ئىگىسى بولغان ئاسمان بىلەن، قىيامەت كۈنى بىلەن، جۈمە كۈنى بىلەن، ھارپا كۈنى بىلەن قەسەمكى،

ئورەكلەرنىڭ ئىگىلىرىگە لەنەت بولسۇن

ئۇ ئورەكلەر لاۋۇلداپ تۇرغان ئوتلار بىلەن تولدۇرۇلغان ئىدى

ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى

ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار ئورەكلەر ئۈستىدە ئولتۇرۇپ ئۆزلىرىنىڭ مۆمىنلەرگە قىلىۋاتقان ئىشلىرىنى كۆرۈپ تۇراتتى،

ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر. اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر،

ئۇلار مۆمىنلەرنى پەقەت غالىب، مەدھىيىگە لايىق اﷲ قا ئىمان ئېيتقانلىقلىرى ئۈچۈنلا يامان كۆردى. ئاسمانلارنىڭ ۋە زېمىننىڭ پادىشاھلىقى اﷲ قا خاستۇر. اﷲ ھەممە نەرسىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر

مۆمىن ئەر ۋە مۆمىن ئاياللارغا زىيانكەشلىك قىلغاندىن كېيىن كۇفرىدىن قايتمىغانلار، شۈبھىسىزكى، جەھەننەمنىڭ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارغا ئوت بىلەن ئازاب قىلىنىدۇ

ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار، شۈبھىسىزكى، ئاستىدىن ئۆستەڭلار ئېقىپ تۇرىدىغان جەننەتلەرگە سازاۋەر بولىدۇ. بۇ چوڭ بەختتۇر

پەرۋەردىگارىڭنىڭ جازاسى شەك - شۈبھىسىز قاتتىقتۇر

اﷲ (خالايىقنى) ھەقىقەتەن يوقتىن بار قىلىدۇ (يەنى ئۆلگەندىن كېيىن ئۇلارنى) تىرىلدۈرىدۇ

اﷲ (مۆمىن بەندىلەرنىڭ گۇناھىنى) مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. (ئۇلارنى) دوست تۇتقۇچىدۇر،

ئەرشنىڭ ئىگىسىدۇر، ناھايىتى ئۇلۇغدۇر،

خالىغىنىنى قىلغۇچىدۇر

(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ - پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟

(ئى مۇھەممەد!) سەن لەشكەرلەرنىڭ - پىرئەۋن ۋە سەمۇدنىڭ قىسسىسىدىن خەۋەر تاپتىڭمۇ؟

(قۇرەيش مۇشرىكلىرى ئاشۇ كاپىرلارغا نازىل بولغان ئازابتىن ئىبرەت ئالماي) داۋاملىق ئىنكار قىلىشىۋاتىدۇ

اﷲ كاپىرلارنىڭ ئەتراپىنى قورشاپ تۇرغۇچىدۇر

بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر

بەلكى (ئۇلار ئىنكار قىلغان نەرسە) لەۋھۇلمەھپۇزدا ساقلانغان ئۇلۇغ قۇرئاندۇر
Icon