ترجمة سورة الإنفطار

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الإنفطار باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

ئاسمان يېرىلغان چاغدا[1]،
يۇلتۇزلار تۆكۈلگەن چاغدا[2]،
دېڭىزلار بىر ـ بىرىگە قوشۇلغان چاغدا[3]،
قەبرىلەر ئاستى ـ ئۈستى قىلىنغان (يەنى ئۆلۈكلەر چىقىرىلغان) چاغدا[4]،
ھەر ئادەم ئىلگىرى ـ كېيىن قىلغان ئىشلىرىنىڭ ھەممىسىنى بىلىدۇ[5].
ئى ئىنسان! سېنى مەرھەمەتلىك پەرۋەردىگارىڭغا ئاسىيلىق قىلىشقا نېمە ئالدىدى؟[6]
ئۇ سېنى ياراتتى، (ئەزالىرىڭنى) بېجىرىم، قامىتىڭنى تۈز قىلدى[7].
سېنى ئۇ خالىغان شەكىلدە قۇراشتۇردى[8].
ھەرگىز ئۇنداق قىلماڭلار (يەنى ئاللاھنىڭ كەرەمىگە مەغرۇر بولماڭلار). (ئى مەككە كۇففارلىرى!) بەلكى سىلەر دىننى ئىنكار قىلىسىلەر[9].
ھالبۇكى سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردا سىلەرنى كۈزىتىپ تۇرغۇچى پەرىشتىلەر بار[10].
ئۇلار (ئاللاھنىڭ دەرگاھىدا) ھۆرمەتلىك پەرىشتىلەر بولۇپ، (سىلەرنىڭ سۆزلىرىڭلارنى ۋە ئەمەللىرىڭلار) نى يېزىپ تۇرىدۇ[11].
ئۇلار قىلمىشىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ[12].
مۆمىنلەر شەك ـ شۈبھىسىز جەننەتتە بولىدۇ[13]،
كاپىرلار شەك ـ شۈبھىسىز دوزاختا بولىدۇ[14].
ئۇلار قىيامەت كۈنى دوزاخقا كىرىدۇ[15].
ئۇلار ھەرگىز دوزاختىن ئايرىلمايدۇ[16].
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[17]
قىيامەت كۈنىنىڭ (دەھشەتلىكلىكىنى) قانداقلىقىنى قانداق بىلەلەيسەن؟[18]
ئۇ كۈندە بىر ئادەمنىڭ يەنە بىر ئادەمگە ياردەم بېرىش قولىدىن كەلمەيدۇ، بۇ كۈندە ھۆكۈم ئاللاھقا خاستۇر[19].
Icon