ترجمة سورة فاطر

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة فاطر باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

جىمى ھەمدۇسانا ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ئۆرنەكسىز ياراتقۇچى، پەرىشتىلەرنى ئىككى قاناتلىق، ئۈچ قاناتلىق، تۆت قاناتلىق ئەلچىلەر قىلغۇچى ئاللاھقا خاستۇر! ئاللاھ يارىتىشتا خالىغىنىنى زىيادە قىلىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر نەرسىگە قادىردۇر[1].
ئاللاھ رەھمىتىدىن كىشىلەرگە ئاچقان نەرسىنى ھەرگىزمۇ توسۇپ قالالىغۇچى بولمايدۇ، ئاللاھ رەھمىتىدىن توسقان نەرسىنى، ئاللاھ توسقاندىن كېيىن، ئۇنى ھېچ قويۇپ بەرگۈچى بولمايدۇ، ئاللاھ غالىبتۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر[2].
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ سىلەرگە بەرگەن نېمىتىنى ياد ئېتىڭلار، ئاللاھتىن باشقا سىلەرگە ئاسماندىن ۋە زېمىندىن رىزىق بېرىپ تۇرىدىغان ياراتقۇچى بارمۇ؟ ئاللاھتىن باشقا ھېچ مەبۇد (بەرھەق) يوقتۇر، (ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن) قانداقمۇ باش تارتىسىلەر؟[3].
(ئى مۇھەممەد!) ئەگەر ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا (قايغۇرۇپ كەتمە)، ھەقىقەتەن سەندىن ئىلگىرىكى پەيغەمبەرلەرمۇ ئىنكار قىلىنغان، ھەممە ئىش ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا قايتۇرۇلىدۇ[4].
ئى ئىنسانلار! ئاللاھنىڭ ۋەدىسى ھەقىقەتەن ھەقتۇر، سىلەرنى ھەرگىز دۇنيا تىرىكچىلىكى ئالداپ قويمىسۇن، شەيتاننىڭ سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئەپۇسىنىڭ كەڭلىكى بىلەن ئالدىشىغا يول قويماڭلار[5].
شەيتان ھەقىقەتەن سىلەرگە دۈشمەندۇر، ئۇنى دۈشمەن تۇتۇڭلار، شەيتان ئۆزىنىڭ تەۋەلىرىنى ئەھلى دوزاختىن بولۇشقا چاقىرىدۇ[6].
كاپىرلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئىمان ئېيتقان ۋە ياخشى ئەمەللەرنى قىلغانلار مەغپىرەتكە ۋە كاتتا ساۋابقا ئېرىشىدۇ[7].
ئۆزىنىڭ يامان ئەمەلى چىرايلىق كۆرسىتىلگەن، شۇنىڭ بىلەن ئۇنى چىرايلىق ھېسابلىغان كىشى (ھىدايەت تاپقان كىشى بىلەن ئوخشاشمۇ؟) ئاللاھ ھەقىقەتەن خالىغان كىشىنى گۇمراھ قىلىدۇ (خالىغان كىشىنى ھىدايەت قىلىدۇ). شۇڭا سەن ئۇلار ئۈچۈن (يەنى ئىمان ئېيتمىغانلىقلىرى ئۈچۈن) قايغۇرۇپ ئۆزۈڭنى ھالاك قىلىۋالمىغىن، ئاللاھ ھەقىقەتەن ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرىنى بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[8].
ئاللاھ شاماللارنى ئەۋەتىپ (ئۇنىڭ بىلەن) بۇلۇتنى قوزغايدۇ، بىز بۇلۇتلارنى ئۆلۈك (يەنى قاغجىراق) بىر يەرگە ھەيدەيمىز (بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرىمىز)، شۇ يامغۇر بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرىمىز. ئۆلۈكلەرنىڭ تىرىلدۈرۈلۈشى ئەنە شۇنداقتۇر[9].
كىمكى (دۇنيادا) شەرەپ ئىزدەيدىكەن، شەرەپنىڭ ھەممىسى ئاللاھقا مەنسۇپ (ئۇنى ئاللاھتىن تىلىسۇن). ياخشى سۆز ئاللاھنىڭ دەرگاھىغا ئۆرلەيدۇ، ياخشى ئەمەل ئۇنى كۆتۈرىدۇ، (پەيغەمبەرگە قارشى) ھىيلە ـ مىكىرلەرنى تۈزىدىغانلار قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ھىيلە ـ مىكرى ئىشقا ئاشمايدۇ[10].
ئاللاھ سىلەرنى (يەنى ئەسلىڭلار ئادەم ئەلەيھىسسالامنى) تۇپراقتىن ياراتتى. ئاندىن ئابىمەنىيدىن پەيدا قىلدى. ئاندىن سىلەرنى (ئەر ـ ئايالدىن ئىبارەت) بىر جۈپ قىلدى، ھەر قانداق ئايالنىڭ ھامىلدار بولۇشى ۋە تۇغۇشى ئاللاھنىڭ ئىلمىنىڭ سىرتىدا ئەمەس، ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئۆمرىنىڭ ئۇزۇن ياكى قىسقا بولۇشى لەۋھۇلمەھپۇزدا يېزىلغان، بۇ ھەقىقەتەن ئاللاھقا ئاسان[11].
ئىككى دېڭىز ئوخشاش ئەمەس. بۇنىڭ سۈيى تاتلىق، تەملىك بولۇپ (گالدىن) سىلىق ئۆتىدۇ، بۇ ناھايىتى ئاچچىق، تۇزلۇق، ئۇلارنىڭ ھەر ئىككىسىدىن يېڭى گۆشلەرنى (يەنى بېلىقلارنى) يەيسىلەر، سىلەر تاقايدىغان زىننەت بۇيۇملىرى (يەنى ئۈنچە ـ مارجانلار) نى چىقىرىسىلەر. (ئاللاھنىڭ ئەمرى بىلەن يۈك ـ تاق، يېمەك ـ ئىچمەكلەر قاچىلانغان) كېمىلەرنىڭ دېڭىزدا دولقۇن يېرىپ كېتىۋاتقانلىقىنى كۆرىسەن. بۇ ئاللاھنىڭ نېمىتىنى تەلەپ قىلىپ شۈكۈر قىلىشىڭلار ئۈچۈندۇر[12].
ئاللاھ كېچىنى كۈندۈزگە كىرگۈزىدۇ، كۈندۈزنى كېچىگە كىرگۈزىدۇ (شۇنىڭ بىلەن كېچە ـ كۈندۈزنىڭ ئۇزۇن ـ قىسقا بولۇشى جايلار، پەسىللەر بويىچە نۆۋەتلىشىپ تۇرىدۇ)، ئاللاھ كۈن بىلەن ئاينى (بەندىلىرىنىڭ مەنپەئىتىگە) بويسۇندۇرۇپ بەردى. ھەر ئىككىلىسى مۇئەييەن مۇددەتكىچە (يەنى قىيامەتكىچە ئۆز ئوقىدا) سەير قىلىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھ سىلەرنىڭ پەرۋەردىگارىڭلاردۇر، پادىشاھلىق ئۇنىڭغا خاستۇر، ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار قىلچىلىك نەرسىگە ئىگە ئەمەس[13].
ئەگەر ئۇلارنى چاقىرساڭلار، سىلەرنىڭ چاقىرغىنىڭلارنى ئاڭلىمايدۇ، ئاڭلىغان تەقدىردىمۇ سىلەرگە جاۋاپ قايتۇرالمايدۇ، قىيامەت كۈنى ئۇلار (ئاللاھقا ئۇلارنى) شېرىك قىلغانلىقىڭلارنى ئىنكار قىلىدۇ، (مۇشرىكلارنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ مەبۇدلىرىنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى ئەھۋالىنى ھېچ ئەھەدى) ساڭا ھەممىدىن خەۋەردار زاتتەك (يەنى ئاللاھتەك) ئېيتىپ بېرەلمەيدۇ[14].
ئى ئىنسانلار! سىلەر ئاللاھقا موھتاجسىلەر، ئاللاھ (ھەممىدىن) بىھاجەتتۇر، مەدھىيەگە لايىقتۇر[15].
ئەگەر ئاللاھ خالىسا، سىلەرنى ھالاك قىلىپ (ئورنۇڭلارغا) يېڭى بىر خەلقنى پەيدا قىلىدۇ[16].
بۇ ئاللاھقا قىيىن ئەمەس
ھېچبىر گۇناھكار ئادەم بىراۋنىڭ گۇناھىنى ئۈستىگە ئالالمايدۇ، گۇناھى ئېغىر بىر ئادەم باشقا بىراۋنى ئۆز گۇناھىنى ئۈستىگە ئېلىۋېلىشقا چاقىرسا، ئۇ يېقىن تۇغقىنى بولغان تەقدىردىمۇ، ئۇنىڭ گۇناھىدىن ئازراق نەرسىنى ئۈستىگە ئېلىۋالالمايدۇ، سەن پەقەت پەرۋەردىگارىنى كۆرمەي تۇرۇپ ئۇنىڭدىن قورقىدىغانلارنى، نامازنى ئادا قىلىدىغانلارنى ئاگاھلاندۇرىسەن، كىمكى (گۇناھلاردىن) پاكلىنىدىكەن، ئۇ ئۆزى ئۈچۈن پاكلانغان بولىدۇ. ئاخىر قايتىدىغان جاي ئاللاھنىڭ دەرگاھىدۇر[18].
كور ئادەم بىلەن كۆزى ساق ئادەم (يەنى كاپىر بىلەن مۆمىن) باراۋەر بولمايدۇ[19].
زۇلمەت بىلەن نۇر (يەنى باتىل بىلەن ھەق) باراۋەر بولمايدۇ[20].
سايە بىلەن ئىسسىق (يەنى جەننەت بىلەن دوزاخ) باراۋەر بولمايدۇ[21].
تىرىكلەر بىلەن ئۆلۈكلەر (يەنى مۆمىنلەر بىلەن كاپىرلار) باراۋەر بولمايدۇ، شۈبھىسىزكى، ئاللاھ (ھەق دەۋەتنى) خالىغان كىشىلەرگە ئاڭلىتىدۇ. سەن قەبرىلەردىكىلەرگە ئاڭلىتالمايسەن[22].
سەن پەقەت بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىسەن[23].
ھەقىقەتەن بىز سېنى ھەق (دىن) بىلەن (مۆمىنلەرگە) خۇشخەۋەر بەرگۈچى، (كاپىرلارغا) ئاگاھلاندۇرغۇچى قىلىپ ئەۋەتتۇق، قانداقلا بىر ئۈممەت بولمىسۇن، ئۇنىڭغا پەيغەمبەر كەلگەن[24].
ئۇلار سېنى ئىنكار قىلسا، ئۇلاردىن بۇرۇن ئۆتكەن ئۈممەتلەرمۇ (ئۆزلىرىنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى) ئىنكار قىلغان، پەيغەمبەرلىرى ئۇلارغا روشەن مۆجىزىلەرنى، (ئىبراھىم ئەلەيھىسسالامغا نازىل قىلىنغان سەھىپىلەرگە ئوخشاش) سەھىپىلەرنى، (تەۋرات، ئىنجىلدەك) نۇرلۇق كىتابلارنى ئېلىپ كەلدى[25].
ئاندىن كاپىرلارنى جازالىدىم، (ئۇلارغا بەرگەن) ئازابىم قانداق ئىكەن؟ (يەنى ئۇلارغا قانداق قاتتىق ئازاب قىلدىم؟)[26]
كۆرمەمسەنكى، ئاللاھ بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇردى. ئۇنىڭ بىلەن تۈرلۈك، رەڭگارەڭ مېۋىلەرنى چىقاردى، (شۇنىڭدەك ئاللاھ تاغلارنى ياراتتى) تاغلارنىڭ ئاق، قىزىللىرى، ھەر خىل رەڭدىكى چىپارلىرى ۋە قاپقارىلىرىمۇ بار[27]. شۇنىڭدەك ئىنسانلارنى، ھايۋانلارنى، چاھارپايلارنىمۇ خىلمۇ خىل رەڭلىك قىلىپ ياراتتى، ئاللاھنىڭ بەندىلىرى ئىچىدە ئاللاھدىن پەقەت ئالىملارلا قورقىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن غالىپتۇر، (بەندىلەر ئىچىدە تەۋبە قىلغانلارنى)مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر. [28]
شۈبھىسىزكى، ئاللاھنىڭ كىتابىنى تىلاۋەت قىلىپ تۇرىدىغانلار، نامازنى ئادا قىلىدىغانلار ۋە بىز رىزىق قىلىپ بەرگەن نەرسىلەردىن (ئاللاھنىڭ رازىلىقى ئۈچۈن) يوشۇرۇن ۋە ئاشكارا سەرپ قىلىدىغانلار كاسات بولمايدىغان تىجارەتنى ئۈمىد قىلىدۇ[29]
ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[30]. ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[31].
ئاللاھ ئۇلارغا ئەجىرلىرىنى تولۇق بېرىدۇ ۋە مەرھەمىتىدىن ئۇلارغا ئاشۇرۇپ بېرىدۇ، ئاللاھ ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[30].
ساڭا بىز ۋەھىي قىلغان كىتاب (يەنى قۇرئان) ھەقتۇر. ئىلگىرىكى كىتابلارنىڭ (راستلىقىنى) ئىسپاتلىغۇچىدۇر، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى تولۇق بىلگۈچىدۇر، كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[31].
ئاندىن بىز كىتاب (يەنى قۇرئان) نى بەندىلىرىمىزدىن بىز تاللىغان كىشىلەرگە مىراس قىلىپ بەردۇق. ئۇلارنىڭ بەزىسى ئۆزىگە زۇلۇم قىلغۇچىدۇر (يەنى قۇرئاننى تىلاۋەت قىلغان بىلەن بەك ئەمەل قىلىپ كەتمەيدۇ)، بەزىسى ئوتتۇراھالدۇر (يەنى كۆپ چاغلاردا قۇرئانغا ئەمەل قىلىپ، قىسمەن چاغلاردا ئەمەل قىلمايدۇ) ۋە بەزىسى ئاللاھنىڭ ئىزنى بويىچە ياخشى ئىشلارنى قىلىشقا ئالدىرىغۇچىدۇر. ئەنە شۇ كاتتا مەرھەمەتتۇر[32].
ئۇلار ھەمىشە تۇرىدىغان جەننەتلەرگە كىرىدۇ. ئۇلار جەننەتلەردە ئالتۇن بىلەيزۈكلەرنى، مەرۋايىتلارنى تاقايدۇ، ئۇلارنىڭ كىيىمى يىپەكتىن بولىدۇ[33].
ئۇلار ئېيتتى: «جىمى ھەمدۇسانا بىزدىن غەم ـ قايغۇنى كەتكۈزۈۋەتكەن ئاللاھقا مەنسۇپتۇر! بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز ھەقىقەتەن ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر، ئاز ياخشىلىققا كۆپ ساۋاب بەرگۈچىدۇر[34].
ئاللاھ مەرھەمىتىدىن بىزنى جەننەتتە تۇرغۇزدى. جەننەتتە بىز ھەرگىز جاپا تارتمايمىز، ھەرگىز چارچىمايمىز»[35].
كاپىرلار دوزاخ ئازابىغا دۇچار بولىدۇ، ئۇلارنىڭ ئۆلۈپ (ئارام تېپىپ قالماسلىقى ئۈچۈن) جانلىرى ئېلىنمايدۇ، ئۇلاردىن ئازابمۇ يېنىكلىتىلمەيدۇ، كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقان ھەر ئىنساننى ئەنە شۇنداق جازالايمىز[36].
ئۇلار دوزاختا: «پەرۋەردىگارىمىز! بىزنى چىقىرىۋەتسەڭ (دۇنيادىكى ۋاقىتتا) قىلغان ئەمەللىرىمىزدىن باشقا ئەمەللەرنى قىلساق» دەپ يالۋۇرۇپ توۋلايدۇ. (ئاللاھ ئېيتىدۇ:) «سىلەرگە ئۆمرۈڭلارنى ئۇزۇن قىلىپ، ۋەز ـ نەسىھەت ئالىدىغان ئادەم ۋەز ـ نەسىھەت ئالالىغۇدەك ۋاقىت بەرمىدىممۇ؟ سىلەرگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلدىغۇ، ئەمدى ئازابنى تېتىڭلار، زالىملارغا ھېچقانداق ياردەم بەرگۈچى يوق»[37].
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى غەيبنى بىلگۈچىدۇر. ئاللاھ ھەقىقەتەن دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر[38].
ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئورۇنباسارلار قىلدى، كىمكى كاپىر بولىدىكەن، ئۇنىڭ كۇفرىنىڭ زىيىنى ئۆزىگە بولىدۇ، كاپىرلارنىڭ كۇفرى پەرۋەردىگارىنىڭ دەرگاھىدا پەقەت غەزەپنىلا زىيادە قىلىدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ كۇفرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ رەھمىتىدىن تېخىمۇ يىراقلاشتۇرىدۇ)، كاپىرلارنىڭ كۇفرى ئۇلارغا پەقەت ھالاكەتنىلا زىيادە قىلىدۇ[39].
ئېيتقىنكى، «ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ؟ سىلەر ئاللاھنى قويۇپ چوقۇنۇۋاتقان مەبۇدلىرىڭلار (نېمە سەۋەبتىن چوقۇنۇشقا لايىق بولدى؟) ماڭا ئېيتىپ بېرىڭلاركى، ئۇلار زېمىندىن نېمىلەرنى ياراتتى؟ يا ئۇلار ئاسمانلارنى ئاللاھ بىلەن بىرلىكتە ياراتتىمۇ؟ يا ئۇلارغا بىز بىر كىتاب بەرگەن بولۇپ، ئۇلار شۇ كىتابتىكى روشەن دەلىللەرگە ئاساسلىنامدۇ؟» ھەرگىز ئۇنداق ئەمەس، زالىملار بىر ـ بىرىگە پەقەت يالغاننىلا ۋەدە قىلىشىدۇ[40].
ئاللاھ ھەقىقەتەن ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى (قۇدرىتى ۋە گۈزەل ھېكمىتى بىلەن) چۈشۈپ كېتىشتىن توختىتىپ تۇرىدۇ. ئەگەر ئۇلار چۈشۈپ كەتسە، ئۇلارنى ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئەھەدى توختىتىپ تۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەلىمدۇر (يەنى كۇففارلار ئازابقا تېگىشلىك بولسىمۇ، ئۇلارنى جازالاشقا ئالدىراپ كەتمەيدۇ)، ناھايىتى مەغپىرەت قىلغۇچىدۇر[41].
ئۇلار ئۆزلىرىگە ئاگاھلاندۇرغۇچى (يەنى پەيغەمبەر) كەلسە، ھەر قانداق ئۈممەتكە قارىغاندا ئەڭ ھىدايەت تاپقۇچى بولىدىغانلىقلىرى بىلەن قاتتىق قەسەم ئىچىشتى. ئۇلارغا ئاگاھلاندۇرغۇچى كەلگەن چاغدا (ھىدايەتتىن) تېخىمۇ يىراق بولۇشتى[42].
(بۇنداق بولۇشى) ئۇلارنىڭ زېمىندا تەكەببۇرلۇق قىلغانلىقلىرى ۋە ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەنلىكلىرىدىندۇر. ھىيلە ـ مىكىرنىڭ ۋابالى پەقەت ھىيلە ـ مىكىر ئىشلەتكەن ئادەمنىڭ ئۆزىگە بولىدۇ، ئۇلار پەقەت ئىلگىرىكى ئۈممەتلەرگە قوللىنىلغان (ئاللاھنىڭ ئۇلارنى ھالاك قىلىش ۋە جازالاشتىن ئىبارەت) يولىنىلا كۈتىدۇ، ئاللاھنىڭ (مەخلۇقاتلار ئۈستىدە قوللانغان) يولىدا ھەرگىزمۇ ھېچقانداق ئۆزگىرىشنى كۆرمەيسەن، ئاللاھ يولىدا ھەرگىز يۆتكىلىشنىمۇ (يەنى ئازابنىڭ ئازابقا تېگىشلىك بولغانلار ئۈستىدىن باشقىلارنىڭ ئۈستىگە يۆتكىلىشىنى) كۆرمەيسەن[43].
ئۇلار زېمىندا سەير قىلىپ، ئۇلاردىن ئىلگىرىكىلەر (يەنى ھالاك بولغان ئۈممەتلەر) نىڭ ئاقىۋىتىنىڭ قانداق بولغانلىقىنى كۆرمىدىمۇ؟ ئۇلار (يەنى ئۆتكەنكى ئۈممەتلەر) بۇلاردىن تېخىمۇ كۈچلۈك ئىدى. ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى ھېچ نەرسە ئاللاھنى ئىلاجىسىز قالدۇرالمايدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھەممىگە قادىردۇر[44].
ئەگەر ئاللاھ ئىنسانلارنى ئۇلارنىڭ قىلمىشلىرى تۈپەيلىدىن جازالايدىغان بولسا، يەر يۈزىدە ھېچبىر جان ئىگىسىنى قويمىغان بولاتتى ۋەلېكىن ئاللاھ ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نى مۇئەييەن ۋاقىتقىچە تەخىر قىلىدۇ، ئۇلار (دىن ھېساب ئېلىش) نىڭ ۋاقتى يېتىپ كەلگەندە (ئۇلارنىڭ ئەمەللىرىگە قاراپ جازا بېرىدۇ)، ئاللاھ ھەقىقەتەن بەندىلىرىنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر[45].
Icon