ترجمة سورة النجم

Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation
ترجمة معاني سورة النجم باللغة الأويغورية من كتاب Muhammad Saleh - Uighur; Uyghur translation .

سۈرە نەجم


ساقىغان يۇلتۇزلار بىلەن قەسەمكى،

سىلەرنىڭ ھەمراھىڭلار (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) گۇمراھ بولمىدى ۋە يولدىن ئاداشمىدى

(ئۇ) ئۆز نەپسى خاھىشى بويىچە سۆزلىمەيدۇ

پەقەت ئۇنىڭغا نازىل قىلىنغان ۋەھيىنىلا سۆزلەيدۇ

ۋەھىينى ئۇنىڭغا كۈچلۈك پەرىشتە (جىبرىئىل) تەلىم بەردى

ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى

ئۇنىڭ (يەنى جىبرىئىلنىڭ) كۆرۈنۈشى چىرايلىق بولۇپ، يۇقىرى ئۇپۇقتا (ئۆز شەكلىدە) تۇردى

ئاندىن ئۇ ئاستا - ئاستا (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامغا) يېقىنلىشىپ تۆۋەنگە ساڭگىلىدى

ئۇ (پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامغا) ئىككى ياچاق مىقدارى ياكى ئۇنىڭدىنمۇ يېقىنراق يېقىنلاشتى

اﷲ بەندىسىگە (جىبرىئىل ئارقىلىق تېگىشلىك) ۋەھيىلەرنى ۋەھىي قىلدى

ئۇنىڭ كۆرگىنىنى دىلى ئىنكار قىلمىدى (يەنى راست كۆردى)

(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) ئۇنىڭ كۆرگەنلىرى ئۈستىدە ئۇنىڭ بىلەن مۇنازىرە قىلىشامسىلەر؟

ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى

ئۇ جىبرىئىلنى ھەقىقەتەن ئىككىنچى قېتىم سىدرەتۇلمۇنتەھا (دەرىخىنىڭ) يېنىدا كۆردى

جەننەتۇلمەئۋا بولسا سىدرەتۇلمۇنتەھانىڭ يېنىدىدۇر

(ئۇ) سىدرەتۇلمۇنتەھانى (ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارىنىڭ نۇرى) قاپلىغان چاغدا (كۆردى)

(پەيغەمبەر) نىڭ كۆزى (ئوڭ - سولغا) بۇرالمىدى، (كۆزلەنگەن نەرسىدىن) ئۆتۈپ كەتمىدى

شۈبھىسىزكى، ئۇ پەرۋەردىگارىڭنىڭ (قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان بۈيۈك ئالامەتلەرنى) كۆردى

ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (اﷲ تائالادەك كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)

ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! لات، ئۇززا ۋە ئۈچىنچىسى بولغان ماناتلار (اﷲ تائالادەك كۈچ - قۇۋۋەتكە ئىگىمۇ؟)

(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) (سىلەرچە ياخشى ھېسابلانغان) ئوغۇل بالا سىلەرگە خاس بولۇپ، (سىلەرچە يامان ھېسابلانغان) قىز بالا اﷲ قا خاسمۇ؟

ئۇنداقتا بۇ ئادالەتسىز تەقسىماتتۇر

بۇ بۇتلار پەقەت سىلەر ۋە ئاتا - بوۋاڭلار ئاتىۋالغان قۇرۇق ناملاردىنلا ئىبارەت، اﷲ بۇنى ئىسپاتلايدىغان ھېچبىر دەلىل - پاكىت چۈشۈرگىنى يوق، ئۇلارغا پەرۋەردىگارى تەرىپىدىن شەك - شۈبھىسىز ھىدايەت (يەنى پەيغەمبەر ۋە قۇرئان) كەلگەن تۇرۇقلۇق، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ۋە نەپسىلىرىنىڭ خاھىشىغىلا ئەگىشىدۇ

ئىنسان نېمىنى ئارزۇ قىلسا شۇ بولامدۇ

ئاخىرەت ۋە دۇنيا اﷲ نىڭ ئىلكىدىدۇر (يەنى دۇنيا ۋە ئاخىرەتتىكى ئىشلارنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ خاھىشى بويىچە بولىدۇ)

ئاسمانلاردا نۇرغۇن پەرىشتىلەر بولۇپ، ئۇلارنىڭ شاپائىتى ھېچ نەرسىگە ئەسقاتمايدۇ، پەقەت اﷲ ئۆزى خالىغان ۋە رازى بولغان ئادەمگە شاپائەت قىلىشقا رۇخسەت قىلسىلا (ئاندىن) ئۇلارنىڭ شاپائىتى ئەسقاتىدۇ

شۈبھىسىزكى، ئاخىرەتكە ئىمان ئېيتمايدىغانلار پەرىشتىلەرنى (اﷲ نىڭ قىزلىرى دەپ) چىشى جىنس نامى بىلەن ئاتايدۇ

ئۇلار مۇنداق ئاتاشتا ھېچقانداق ئىلىمگە ئىگە ئەمەس، ئۇلار پەقەت گۇمانغىلا ئاساسلىنىدۇ، گۇمان دېگەن ھەقنى ئىسپاتلاشتا ھېچ نەرسىگە يارىمايدۇ

بىزنىڭ زىكرىمىز (يەنى ئىمان بىلەن قۇرئان) دىن باش تارتقان، پەقەت دۇنيا تىرىكچىلىكنىلا كۆزلىگەنلەردىن يۈز ئۆرۈگىن

ئۇلارنىڭ ئىلىمدىن يەتكەن يېرى ئەنە شۇ، شۈبھىسىزكى، پەرۋەردىگارىڭ ئۆزىنىڭ يولىدىن ئازغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ، ھىدايەت تاپقان ئادەمنىمۇ ئوبدان بىلىدۇ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنىڭ ھەممىسى اﷲ نىڭ مۈلكىدۇر، (اﷲ) يامانلىق قىلغانلارنى قىلمىشلىرىغا قاراپ جازالايدۇ، ياخشىلىق قىلغانلار چىرايلىق مۇكاپات بېرىدۇ

ئۇلار چوڭ گۇناھلاردىن ۋە قەبىھ ئىشلاردىن يىراق بولىدۇ. كىچىك گۇناھلار بۇنىڭدىن مۇستەسنا، ھەقىقەتەن پەرۋەردىگارىڭنىڭ مەغپىرىتى كەڭدۇر، اﷲ سىلەرنى زېمىندىن ياراتقان چاغدىكى (ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ، ئاناڭلارنىڭ قورساقلىرىدىكى بالا) ۋاقتىڭلاردىن تارتىپ ئوبدان بىلىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن سىلەر ئۆزۈڭلارنى پاك ھېسابلىماڭلار، اﷲ تەقۋادار بولغان ئادەمنى ئوبدان بىلىدۇ

(ئى مۇھەممەد!) ئىماندىن يۈز ئۆرۈگەن ئادەمدىن خەۋەر بەرگىن

ئۇ (شەرت قىلىنغان مالدىن) ئازغىنا بەردى، قالغىنىنى بەرمىدى

ئۇنىڭ دەرگاھىدا ئىلمىي غەيب بولۇپ، ئۇ غەيبنى بىلەمدۇ؟

ئۇ مۇسانىڭ ۋە ئىبراھىمنىڭ سەھىپىلىرىدىكى سۆزدىن خەۋەردار بولمىدىمۇ؟

ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)

ئىبراھىم ۋاپادار كىشى ئىدى، بىر گۇناھكار ئادەم يەنە بىراۋنىڭ گۇناھىنى كۆتەرمەيدۇ (يەنى بىراۋ باشقا بىراۋنىڭ گۇناھى تۈپەيلىدىن جازاغا تارتىلمايدۇ)

ئىنسان پەقەت ئۆزىنىڭ ئىشلىگەن ئىشىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرىدۇ

ئۇنىڭ قىلغان ئىشى كەلگۈسىدە كۆرۈلىدۇ (يەنى ئۇنىڭ ئەمەلى قىيامەت كۈنى ئۇنىڭغا توغرىلىنىدۇ)

ئاندىن ئۇنىڭغا تولۇق مۇكاپات (ياكى) تولۇق جازا بېرىلىدۇ

ھەممىنىڭ ئاخىر بارىدىغان جايى پەرۋەردىگارىڭنىڭ دەرگاھىدۇر

اﷲ ئىنساننى كۈلدۈرەلەيدۇ ۋە يىغلىتالايدۇ

اﷲ ئۆلتۈرۈشكە ۋە تىرىلدۈرۈشكە قادىر

اﷲ بىر جۈپنى - ئەركەك بىلەن چىشىنى ياراتتى

ئېتىلىپ چىققان مەنىدىن (ياراتتى)

(ھېساب ئۈچۈن ئىنسانلارنى) ئىككىنچى قېتىم يارىتىشنى ئۈستىگە ئالدى

اﷲ ئىنساننى باي قىلالايدۇ ۋە مەمنۇن قىلالايدۇ

اﷲ شىئرا يۇلتۇزىنىڭ پەرۋەردىگارىدۇر

ئۇ (يەنى اﷲ) قەدىمكى ئادنى ھالاك قىلدى

سەمۇدنىمۇ (ھالاك قىلدى، ئۇلاردىن بىرىنىمۇ) قويمىدى

ئىلگىرى نۇھنىڭ قەۋمىنى (ھالاك قىلغان ئىدى)، شۈبھىسىزكى، ئۇلار تېخىمۇ زالىم، تېخىمۇ سەركەش ئىدى

لۇد قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى

لۇد قەۋمىنىڭ شەھەرلىرىنى دۈم كۆمتۈرىۋەتتى، ئۇنى (دەھشەتلىك تاشلار) قاپلىۋالدى

(ئى ئىنسان!) پەرۋەردىگارىڭنىڭ قايسىبىر نېمىتىدىن گۇمانلىنىسەن؟

بۇ (يەنى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام) ئىلگىرىكى ئاگاھلاندۇرغۇچىلارنىڭ جۈملىسىدىن بولغان بىر ئاگاھلاندۇرغۇچىدۇر

قىيامەت يېقىنلاشتى

ئۇنىڭغا اﷲ تىن باشقا كەشىپ قىلغۇچى (يەنى ئۇنىڭ ۋاقتىنى بىلگۈچى ياكى ئۇنىڭ ئازابىنى دەپئى قىلغۇچى يوقتۇر

(ئى مۇشرىكلار جامائەسى!) مەسخىرە قىلىپ بۇ قۇرئاندىن ئەجەبلىنەمسىلەر؟

(ئۇنى ئاڭلىغان چاغدا) كۆلەمسىلەر؟ يىغلامسىلەر؟

سىلەر غاپىلدۇرسىلەر

اﷲ قا سەجدە قىلىڭلار ۋە (ئۇنىڭغا) ئىبادەت قىلىڭلار
Icon