ترجمة سورة الحجر

الترجمة الأويغورية
ترجمة معاني سورة الحجر باللغة الأويغورية من كتاب الترجمة الأويغورية .
من تأليف: الشيخ محمد صالح .

ئەلىف، لام، را. بۇ، كىتابنىڭ ـ روشەن قۇرئاننىڭ ئايەتلىرىدۇر[1].
كاپىرلار (قىيامەتنىڭ دەھشىتىنى كۆرگەندە، دۇنيادىكى چېغىمىزدا) مۇسۇلمان بولغان بولساقچۇ، دەپ ئارمان قىلىدۇ[2].
(ئى مۇھەممەد!) ئۇلارنى (يەنى كۇففارلارنى مەيلىگە) قويۇۋەت، يەپ ـ ئىچىپ، ئويناپ ـ كۈلۈپ يۈرسۇن، ئۇلار بىھۇدە ئارزۇلار بىلەن بولىۋەرسۇن، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئۆز قىلمىشلىرىنىڭ يامانلىقىنى) بىلىدۇ[3].
بىز قانداق بىر شەھەرنى ھالاك قىلمايلى، پەقەت ئۇنىڭ (ھالاك بولىدىغان) مۇئەييەن ۋاقتى بولىدۇ[4].
ھەرقانداق ئۈممەتنىڭ (ھالاك بولىدىغان ۋاقتى) ئىلگىرى سۈرۈلمەيدۇ، ھەم كېچىكتۈرۈلمەيدۇ[5].
ئۇلار ئېيتتى: «ئى قۇرئان نازىل قىلىنغان ئادەم! سەن ھەقىقەتەن مەجنۇنسەن[6].
ئەگەر سەن (مەن رەسۇلۇللاھ دېگەن سۆزۈڭدە) راستچىللاردىن بولساڭ، (پەيغەمبەرلىكىڭگە گۇۋاھلىق بېرىدىغان) پەرىشتىلەرنى ئالدىمىزغا ئېلىپ كەلسەڭچۇ؟»[7]
پەرىشتىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدا (يەنى ئازاب نازىل قىلىشىمىز مۇقەررەر بولغان چاغدىلا) نازىل قىلىمىز، بۇ چاغدا ئۇلارغا مۆھلەت بېرىلمەيدۇ (يەنى ئۇلارنىڭ ئازابى كېچىكتۈرۈلمەيدۇ)[8].
قۇرئاننى ھەقىقەتەن بىز نازىل قىلدۇق ۋە چوقۇم ئۇنى قوغدايمىز[9].
شۈبھىسىزكى، سېنىڭدىن ئىلگىرى بۇرۇنقى ھەرقايسى تائىپىلەرگە نۇرغۇن پەيغەمبەرلەرنى ئەۋەتتۇق[10].
ئۇلار ئۆزلىرىگە پەيغەمبەر كەلسىلا ئۇنى مەسخىرە قىلىشتى[11].
شۇنداق مەسخىرە قىلىشنى بىز گۇناھكارلارنىڭ دىللىرىغا سالىمىز[12].
ئۇلار قۇرئانغا ئىشەنمەيدۇ، بۇ بۇرۇندىن ئادەت بولۇپ قالغان (يەنى بۇرۇندىن تارتىپ پەيغەمبەرلىرىنى ئىنكار قىلغان قەۋملەرنى ئاللاھنىڭ ھالاك قىلىشى ئادەت بولۇپ كېلىۋاتقان) ئىش[13].
بىز ئۇلارغا ئاسماندىن بىر ئىشىك ئېچىپ بەرگەن، ئۇلار ئۇنىڭدىن ئاسمانغا ئۆرلەپ (ئالەمى ئەرۋاھنى، پەرىشتىلەرنى كۆرگەن تەقدىردىمۇ)[14]،
ئۇلار چوقۇم: «كۆزلىرىمىز باغلىنىپ قالدى، بەلكىم سېھىرلەنگەن قەۋم بولۇپ قالساق كېرەك» دېيىشىدۇ[15].
بىز ئاسماندا بۇرۇجلارنى ياراتتۇق ۋە كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ئاسماننى (يۇلتۇزلار بىلەن) بېزىدۇق[16].
ھەر بىر قوغلاندى شەيتاندىن ئاسماننى قوغدىدۇق[17].
لېكىن (ئاسمان خەۋەرلىرىگە) ئوغرىلىقچە قۇلاق سالماقچى بولغان شەيتاننى روشەن ئاقار يۇلتۇز قوغلاپ يېتىدۇ (يەنى ھالاك قىلىدۇ)[18].
يەر يۈزىنى يېيىپ كەڭ قىلدۇق، ئۇنىڭغا تاغلارنى ئورناتتۇق، يەر يۈزىدە ھەرخىل ئۆلچەملىك ئۆسۈملۈكلەرنى ئۆستۈردۇق[19].
يەر يۈزىدە سىلەر ئۈچۈن ۋە سىلەر رىزقىنى بېرەلمەيدىغانلار (يەنى خادىملار ۋە ھايۋانلار) ئۈچۈن تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنى ياراتتۇق (ئۇلارنىڭ يېمەك ـ ئىچمەكلىرىنى سىلەر ئەمەس، بىز يارىتىمىز)[20].
قانداق نەرسە بولمىسۇن، ئۇنىڭ خەزىنىسى (يەنى خەزىنىنىڭ ئاچقۇچى) بىزنىڭ دەرگاھىمىزدىدۇر، بىز ئۇنى پەقەت مەلۇم مىقداردىلا چۈشۈرىمىز[21].
بىز يامغۇرنى ھەيدەيدىغان شاماللارنى ئەۋەتتۇق، بىز بۇلۇتتىن يامغۇر ياغدۇرۇپ سىلەرنى سۇغاردۇق، سىلەر ھەرگىز ئۇنى ساقلاشقا قادىر ئەمەسسىلەر[22].
بىز (ھەممىنى) تىرىلدۈرىمىز، (ھەممىنى) ئۆلتۈرىمىز ۋە (ھەممىگە) ۋارىسلىق قىلىمىز[23].
بىز سىلەردىن ئىلگىرى ئۆتكەنلەرنى ھەقىقەتەن بىلىمىز ۋە كېيىن كېلىدىغانلارنىمۇ ھەقىقەتەن بىلىمىز[24].
پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن (ھېساب ئېلىش ۋە جازالاش ئۈچۈن) ئۇلارنى يىغىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر، ھەممىنى بىلگۈچىدۇر[25].
شەك ـ شۈبھىسىزكى، بىز ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ياراتتۇق[26].
جىنلار (يەنى شەيتانلار ۋە ئۇلارنىڭ باشلىقى ئىبلىس) نى ئىلگىرى تۈتۈنسىز ئوت يالقۇنىدىن ياراتقان ئىدۇق[27].
پەرۋەردىگارىڭ ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەرگە ئېيتتى: «مەن ھەقىقەتەن قارا لايدىن ياسىلىپ شەكىلگە كىرگۈزۈلگەن (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن ئىنسان (يەنى ئادەم ئەلەيھىسسالام) نى يارىتىمەن[28].
مەن ئۇنى تولۇق ياراتقان (يەنى ئۇنى يارىتىپ سۈرەتكە كىرگۈزۈپ، ئەزالىرى تولۇق ۋە مۇكەممەل ئىنسان ھالىتىگە كەلتۈرگەن) ۋە ئۇنىڭغا جان كىرگۈزگەن چېغىمدا، سىلەر ئۇنىڭغا سەجدە قىلىڭلار) »[29].
پەرىشتىلەرنىڭ بىرىمۇ ئايرىلىپ قالماي ھەممىسى (ئادەم ئەلەيھىسسالامغا) سەجدە قىلدى[30].
پەقەت ئىبلىسلا سەجدە قىلىشتىن باش تارتتى[31].
ئاللاھ: «ئى ئىبلىس! سەن نېمىشقا سەجدە قىلمايسەن؟» دېدى[32].
ئىبلىس: «قارا لايدىن ياساپ شەكىلگە كىرگۈزۈپ (چەكسە جىرىڭلايدىغان) قۇرۇق لايدىن يارىتىلغان ئىنسان مېنىڭ سەجدە قىلىشىمغا لايىق ئەمەس» دېدى[33].
ئاللاھ ئېيتتى: «سەن جەننەتتىن يوقال، ھەقىقەتەن قوغلاندى بولدۇڭ[34].
ساڭا قىيامەت كۈنىگۈچە ھەقىقەتەن لەنەت بولسۇن»[35].
ئىبلىس: «پەرۋەردىگارىم! ماڭا خالايىقلار تىرىلدۈرۈلىدىغان كۈن (يەنى قىيامەت كۈنى) گۈچە مۆھلەت بەرگىن (مېنى ھايات قالدۇرغىن)» دېدى[36].
ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[37ـ38].
ئاللاھ: «ساڭا ھەقىقەتەن مەلۇم ۋاقىتقىچە مۆھلەت بېرىلىدۇ» دېدى[37ـ38].
ئىبلىس ئېيتتى: «پەرۋەردىگارىم! سەن مېنى گۇمراھ قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، يەر يۈزىدە ئادەم بالىلىرىغا (گۇناھلارنى) ئەلۋەتتە چىرايلىق كۆرسىتىمەن، ئۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئەلۋەتتە ئازدۇرىمەن[39].
ئۇلاردىن پەقەت تاللانغان بەندىلىرىڭلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرالمايمەن)»[40].
ئاللاھ ئېيتتى: «بۇ (تاللانغان بەندىلەرنىڭ يولى) مېنىڭ توغرا يولۇمدۇر[41].
مېنىڭ بەندىلىرىمگە (يەنى ئۇلارنى ئازدۇرۇشقا) سېنىڭ كۈچۈڭ يەتمەيدۇ، پەقەت گۇمراھلاردىن ساڭا ئەگەشكەنلەرگىلا (سېنىڭ كۈچۈڭ يېتىدۇ)»[42].
شۈبھىسىزكى، دوزاخ ئۇلار (يەنى ئىبلىس ۋە ئۇنىڭ تەۋەلىرى) نىڭ ھەممىسىگە ۋەدە قىلىنغان جايدۇر[43].
جەھەننەمنىڭ يەتتە دەرۋازىسى بولۇپ، ئۇلارنىڭ ھەربىرىدىن كىرىدىغان مۇئەييەن بىر بۆلۈك (ئادەم) بار[44].
تەقۋادارلار ھەقىقەتەن (ئاخىرەتتە ياپيېشىل) باغ ـ بوستانلاردىن، (سۇ، ھەسەل ۋە مەي ئېقىپ تۇرىدىغان) بۇلاقلاردىن بەھرىمەن بولىدۇ[45].
(ئۇلارغا) جەننەتكە ئامان ـ ئېسەن، تىنچ كىرىڭلار! دېيىلىدۇ[46].
ئۇلارنىڭ دىللىرىدىكى دۈشمەنلىكنى چىقىرىپ تاشلايمىز، ئۇلار ئۆزئارا قېرىنداش بولغان ھالدا تەختلەر ئۈستىدە بىر ـ بىرىگە قارىشىپ ئولتۇرىدۇ[47].
جەننەتتە ئۇلارغا چارچاش بولمايدۇ، ئۇلار جەننەتتىن چىقىرىۋېتىلمەيدۇ[48].
(ئى مۇھەممەد!) مېنىڭ (مۆمىن) بەندىلىرىمگە خەۋەر قىلغىنكى، مەن تولىمۇ مەغپىرەت قىلغۇچىمەن، ناھايىتى رەھىم قىلغۇچىمەن[49].
مېنىڭ ئازابىم قاتتىقتۇر[50].
ئۇلارغا ئىبراھىمنىڭ مېھمانلىرى ھەققىدىكى (ھېكايىنى) ئېيتىپ بەرگىن[51].
ئۆز ۋاقتىدا پەرىشتىلەر ئىبراھىمنىڭ يېنىغا كىرىپ سالام بەردى، ئىبراھىم: «بىز ھەقىقەتەن سىلەردىن قورقۇۋاتىمىز» دېدى[52].
ئۇلار: « قورقمىغىن، (بىز پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، ھەقىقەتەن ساڭا (ئۆسۈپ چوڭ بولغىنىدا) ناھايىتى بىلىملىك (بولىدىغان) بىر ئوغۇل (يەنى ئىسھاق) بىلەن خۇشخەۋەر بېرىمىز» دېدى[53].
ئىبراھىم: «مەن قېرىغان تۇرسام، ماڭا (بالا بىلەن) خۇشخەۋەر بەردىڭلارمۇ؟ ماڭا نېمە بىلەن خۇشخەۋەر بېرىۋاتىسىلەر؟» دېدى[54].
ئۇلار: «بىز ساڭا راست خۇشخەۋەر بەردۇق، نائۈمىد بولمىغىن» دېدى[55].
ئىبراھىم: «پەرۋەردىگارىنىڭ رەھمىتىدىن گۇمراھلاردىن باشقا كىممۇ نائۈمىد بولار؟» دېدى[56].
ئىبراھىم: «ئى ئەلچىلەر! نېمە ئىش بىلەن كەلدىڭلار؟» دېدى[57].
ئۇلار ئېيتتى: «بىز ھەقىقەتەن گۇناھكار بىر قەۋم (نى جازالاش) ئۈچۈن ئەۋەتىلدۇق[58].
پەقەت لۇتنىڭ تەۋەلىرىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا. بىز ئۇلار (يەنى لۇتنىڭ تەۋەلىرى ۋە ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەر) نىڭ ھەممىسىنى (ئازابتىن) چوقۇم قۇتۇلدۇرىمىز[59].
پەقەت لۇتنىڭ خوتۇنىلا بۇنىڭدىن مۇستەسنا، بىز ئۇنىڭ چوقۇم باشقىلار بىلەن بىللە ئازابلىنىدىغانلىقىنى ئالدىن بېكىتتۇق»[60].
ئەلچىلەر لۇتنىڭ ئائىلىسىگە كەلگەن چاغدا[61]،
لۇت: «سىلەر ھەقىقەتەن ناتونۇش ئادەملەرغۇ؟» دېدى[62].
ئۇلار ئېيتتى: «ئۇنداق ئەمەس (بىز ئاللاھنىڭ ئەلچىلىرىمىز)، بىز سېنىڭ ئالدىڭغا ئۇلار (يەنى سېنىڭ قەۋمىڭ) شەكلىنىۋاتقان ئازابنى ئېلىپ كەلدۇق[63].
بىز ساڭا ھەقىقەتنى ئېلىپ كەلدۇق، بىز ئەلۋەتتە (سۆزىمىزدە) راستچىلمىز[64].
كېچىنىڭ ئاخىرىدا ئائىلەڭدىكىلەرنى ئېلىپ يولغا چىققىن، ئۆزۈڭ ئۇلارنىڭ ئارقىسىدا ماڭغىن، سىلەردىن ھېچبىر ئادەم ئارقىسىغا قارىمىسۇن، سىلەر بۇيرۇلغان يەرگە يەتكۈچە ئالغا قاراپ مېڭىۋېرىڭلار»[65].
سەھەردە بۇلار (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) نىڭ يىلتىزى قۇرۇتۇلىدۇ (يەنى تەلتۆكۈس ھالاك قىلىنىدۇ) دېگەن ھۆكۈمنى لۇتقا ۋەھىي قىلدۇق[66].
(سەدۇم) شەھرىنىڭ ئاھالىسى (يەنى لۇتنىڭ قەۋمى) خۇشال بولۇشۇپ يېتىپ كېلىشتى[67].
لۇت ئېيتتى: «بۇلار مېنىڭ مېھمىنىم، (ئۇلارغا چېقىلىپ قويۇپ ئۇلارنىڭ ئالدىدا) مېنى رەسۋا قىلماڭلار[68].
ئاللاھتىن قورقۇڭلار (مېھمىنىمنى خارلاش ئارقىلىق) مېنى خارلىماڭلار»[69].
ئۇلار: «بىز سېنى كەلگەن مۇساپىرلارنى ھىمايە قىلىشتىن توسمىغانمىدۇق؟» دېدى[70].
لۇت: «بۇلار مېنىڭ قىزلىرىم (يەنى قەۋمىمنىڭ قىزلىرى) دۇر. ئەگەر (چېقىلماقچى) بولساڭلار (ئۇلارنى نىكاھلاپ ئېلىڭلار)» دېدى[71].
(ئى مۇھەممەد!) سېنىڭ ھاياتىڭ بىلەن قەسەمكى، ئۇلار ئەلۋەتتە گۇمراھلىقلىرىدا تېڭىرقاپ يۈرۈشىدۇ[72].
كۈن چىقار ۋاقتىدا ئۇلارغا قاتتىق چۇقان يۈزلەندى[73].
بىز ئۇ شەھەرنى ئاستىن ـ ئۈستۈن قىلىۋەتتۇق (يەنى كۆمتۈرۈۋەتتۇق) ۋە ئۇلارنىڭ ئۈستىگە (يامغۇردەك) ساپال تاش ياغدۇردۇق[74].
ئۇنىڭدا (يەنى ئۇلارغا نازىل بولغان ئازابتا) كۆزەتكۈچىلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن نۇرغۇن ئىبرەتلەر بار[75].
ئۇ شەھەر (قۇرەيشلەر شامغا بارىدىغان) يول ئۈستىدە ھەقىقەتەن ھېلىمۇ مەۋجۇت تۇرماقتا[76].
بۇنىڭدا مۆمىنلەر ئۈچۈن ھەقىقەتەن ئىبرەت بار[77].
ئەيكەلىكلەر (يەنى شۇئەيب قەۋمى)، شۈبھىسىزكى، زالىم ئىدى (يەنى كۇفرىدا ھەددىدىن ئاشقانلار ئىدى)[78].
(شۇئەيبنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى ئىنكار قىلغانلىقلىرى ئۈچۈن) ئۇلارنى ھالاك قىلدۇق، ئۇلار (يەنى بۇ ئىككى شەھەر) نىڭ ھەر ئىككىلىسى، شۈبھىسىزكى، ئاشكارا يول ئۈستىدىدۇر (ئى مەككە ئاھالىسى! ئۇلاردىن ئىبرەت ئالمامسىلەر؟)[79].
ھىجرىلىكلەر ھەقىقەتەن پەيغەمبەرلەرنى ئىنكار قىلدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالىھ ئەلەيھىسسالامنى ئىنكار قىلغانلىقى باشقا پەيغەمبەرلەرنىمۇ ئىنكار قىلغانلىقىدۇر)[80].
ئۇلارغا مۆجىزىلىرىمىزنى كەلتۈردۇق (يەنى تاشتىن چىشى تۆگە چىقىرىشتەك قۇدرىتىمىزگە دالالەت قىلىدىغان مۆجىزىلەرنى ئۇلارغا كۆرسەتتۇق)، ئۇلار بۇ (مۆجىزە) لەردىن يۈز ئۆرۈدى[81].
ئۇلار (ئازابتىن) ئەمىن بولغان ھالدا تاغلارنى تېشىپ (بۇ بىزنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلايدۇ دەپ) ئۆي سالاتتى[82].
لېكىن قاتتىق چۇقان سەھەردىلا ئۇلارنى ھالاك قىلدى[83].
ئۇلارنىڭ قىلغان ئەمگەكلىرى ئۆزلىرىگە ئەسقاتمىدى (يەنى ئۇلارنىڭ سالغان بىنالىرى ئۇلارنى ئاللاھنىڭ ئازابىدىن ساقلاپ قالالمىدى)[84].
بىز ئاسمانلارنى، زېمىننى ۋە ئۇلاردىكى نەرسىلەرنى پەقەت ھەق ئاساسىدىلا ياراتتۇق، قىيامەتنىڭ بولۇشى چوقۇمدۇر، (ئى مۇھەممەد! نادانلار بىلەن تەڭ بولمىغىن، ئۇلارغا) چىرايلىق مۇئامىلىدە بولغىن[85].
پەرۋەردىگارىڭ ھەقىقەتەن ھەممىنى ياراتقۇچىدۇر، (بەندىلەرنىڭ ئەھۋالىنى) بىلىپ تۇرغۇچىدۇر[86].
(نامازدا) تەكرارلىنىپ تۇرىدىغان يەتتە ئايەتنى (يەنى سۈرە فاتىھەنى) ۋە ئۇلۇغ قۇرئاننى ھەقىقەتەن ساڭا ئاتا قىلدۇق[87].
بەزى كاپىرلارنىڭ بىز بەھرىمەن قىلغان نەرسىلىرىگە كۆز سالمىغىن، ئۇلار (نىڭ ئىمان ئېيتمىغانلىقىدىن) قايغۇرمىغىن، مۆمىنلەرگە كەمتەر بولغىن[88].
«مەن ھەقىقەتەن (سىلەرنى ئاللاھنىڭ ئازابىنىڭ نازىل بولۇشىدىن) ئاشكارا ئاگاھلاندۇرغۇچىمەن» دېگىن[89].
پارچىلىۋەتكۈچىلەرگە (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالارغا تەۋرات بىلەن ئىنجىلنى) نازىل قىلغاندەك (ساڭا سۈرە فاتىھە بىلەن ئۇلۇغ قۇرئاننى نازىل قىلدۇق)[90].
ئۇلار (يەنى يەھۇدىيلار ۋە ناسارالار) قۇرئاننى پارچە ـ پارچە قىلىۋەتتى (يەنى قۇرئاننىڭ بەزىسىگە ئىشىنىپ، بەزىسىنى ئىنكار قىلدى)[91].
پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز[92ـ 93].
پەرۋەردىگارىڭنىڭ نامى بىلەن قەسەمكى، ئۇلار (يەنى خالايىق) نىڭ ھەممىسىنىڭ (بۇ دۇنيادا) قىلغان ئىشلىرىنى چوقۇم سورايمىز[92ـ 93].
ساڭا بۇيرۇلغاننى (يەنى پەرۋەردىگارىڭنىڭ ئەمرىنى) ئاشكارا ئوتتۇرىغا قويغىن، مۇشرىكلار (نىڭ مەسخىرىلىرىگە) پەرۋا قىلمىغىن[94].
سېنى مەسخىرە قىلغۇچىلارغا بىز چوقۇم تېتىيمىز[95].
ئۇلار باشقا مەبۇدلارنى ئاللاھقا شېرىك قىلىدۇ، ئۇلار ئۇزاققا قالماي (ئىشنىڭ ئاقىۋىتىنى) بىلىدۇ[96].
[97]: بىز ئۇلارنىڭ سۆزلىرىدىن يۈرىكىڭنىڭ سېقىلىۋاتقانلىقىنى ئوبدان بىلىمىز.
پەرۋەردىگارىڭغا ھەمدۇ ۋە تەسبىھ ئېيتقىن، ھەم سەجدە قىلغۇچىلاردىن بولغىن. [98]
سەن ئۆزۈڭگە ئۆلۈم كەلگەنگە (يەنى ئەجىلىڭ يەتكەنگە) قەدەر پەرۋەردىگارىڭغا ئىبادەت قىلغىن[99].
Icon